رىملىقلارغا 14:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار. ◼ 14:1 +bd «ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار»+bd* ــ ئەينى زاماندا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار يەھۇدىيلاردىن ھەم ھەرخىل غەيرىي دىنغا ئەگەشكەنلەردىن چىققان يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىدا ئەسلىدە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكلىك جەھەتتە كۈچلۈك قائىدىلەر بار ئىدى. لېكىن، خۇش خەۋەر بىلەن يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەر بويىچە، خۇدا دۇنيادىكى بارلىق ئوزۇقلۇق نەرسىلەرنى ياراتقاندىن كېيىن، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى يېيىشكە بولىدۇ (مەسىلەن، «مار.» 18:7-23نى كۆرۈڭ). بىراق بىر قىسىم ئېتىقادچىلار بۇ يېڭى ئەركىنلىكنى تولۇق چۈشەنمىگەن ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن بولسا، كونا ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى داۋام قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنى «ئېتىقادى ئاجىزلار» دەپ ئاتىدى. قىزىق بىر يېرى شۇكى، «ئېتىقادى ئاجىز» ئادەمنىڭ بەزى ئىنتايىن كۈچلۈك پىكىرلىرى بولۇشى مۇمكىن!*

2بىرسى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشكە بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ؛ لېكىن يەنە ئېتىقادى ئاجىز بىرسى پەقەت كۆكتاتلارنىلا يەيدۇ. ◘ 14:2 پەند. 15‏:7 *

3ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى يېمەيدىغان كىشىنى كەمسىتمىسۇن؛ ھەمدە بەزى نەرسىنى* يېمەيدىغان كىشى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى خۇدا ئۇنى قوبۇل قىلغان.

4باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە شۇ خىزمەتكارمۇ* تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى خوجايىنى* رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر. ◘ 14:4 ياق. 4‏:12. *

5مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن. ◼ 14:5 +bd «مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن»+bd* ــ ئېتىقادچىلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلار يەنىلا تەۋراتتا بەلگىلەنگەن، يەھۇدىيلار ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ھېيت-بايراملارنى تۇتۇشقا، بولۇپمۇ «شابات كۈنى» (دەم ئېلىش كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى)نى تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا بۇلارنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەيتتى.* ◘ 14:5 گال. 4‏:10؛ كول. 2‏:16. *

6مەلۇم كۈننى قەدىرلەيدىغان كىشى بۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. بىر نەرسىنى يەيدىغان كىشىمۇ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز رىزقى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. مەلۇم نەرسىنى يېمەيدىغان كىشى يېمەيدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆرمىتىدە يېمەيدۇ، ئۇمۇ شۇنداقلا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ◘ 14:6 1كور. 10‏:31؛ 1تىم. 4‏:3. *

7چۈنكى ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز؛ ◘ 14:7 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ 1تېس. 5‏:10؛ 1پېت. 4‏:2. *

8بەلكى ئەگەر ياشىساق، رەببىمىز ئۈچۈن ياشايمىز؛ ئۆلسەك، رەببىمىز ئۈچۈن ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىزگە مەنسۇپتۇرمىز.

9چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشىدەل شۇ مەقسەت بىلەن بولدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇشى ئۈچۈندۇر.

10ئۇنداقتا، سەن نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ياكى نېمە ئۈچۈن قېرىندىشىڭنى مەنسىتمەيسەن؟ چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. ◼ 14:10 +bd «چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ»+bd* ــ «سوراق تەختى» ئادەتتە رىم ئىمپېرىيەسىدە ھەربىر شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىدا بولاتتى. يەرلىك ئەمەلدارلار مۇھىم ھۆكۈملەرنى ياكى ئېلانلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئولتۇراتتى. خۇدانىڭ «سوراق تەختى» ياكى «ھۆكۈم چىقىرىش تەختى» ئالدىدا بولىدىغان سوراق بەلكىم +bd ئىشەنگۈچىلەرنىڭ+bd* ئەمەللىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈنلا بولىدۇ («2كور.» 10:5نى كۆرۈڭ).* ◘ 14:10 مات. 25‏:31؛ 2كور. 5‏:10. *

11چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا* ئېيتىلغىنىدەك: ــ

12شۇڭا، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق ھېساب بېرىمىز. ◘ 14:12 زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. *

13شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىككىنچى بىرى بولمايلى. بۇنىڭ ئورنىغا شۇنداق ھۆكۈم-قارارغا كېلىڭلاركى، ھەرقانداق قېرىنداشقا گۇناھقا يىقىتىدىغان بىر نەرسىنى ياكى تۇزاقنى قويماسلىق كېرەك. ◘ 14:13 1كور. 10‏:32؛ 2كور. 6‏:3. *

14رەببىمىز ئەيسادا بولغانلىقىمدىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈرۈلۈپ بىلىمەنكى، ھەرقانداق نەرسە ئۆزلىكىدىن ھارام ئەمەستۇر؛ لېكىن بىر نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۇنىڭغا ھارامدۇر. ◘ 14:14 مات. 15‏:11؛ روس. 10‏:15؛ 1كور. 8‏:4؛ 1تىم. 4‏:4. *

15ئەگەر يېمەكلىكىڭ تۈپەيلىدىن قېرىندىشىڭنى ئازابقا قويغان بولساڭ، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسەن. مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ ئۆلگەن، بۇ قېرىندىشىڭنى* يېمەكلىكىڭ بىلەن نابۇت قىلما! ◘ 14:15 1كور. 8‏:11. *

16ئەمدى سىلەر ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ يامان دېيىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالماڭلار.

17چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر. ◘ 14:17 1كور. 8‏:8. *

18بۇلاردا ياشاپ مەسىھكە خىزمەت قىلغۇچى كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ.

19شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. ◼ 14:19 +bd «شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى»+bd* ــ «بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان» ئەينى تېكىستە «بىر-بىرىمىزنى قۇرۇپ چىقىدىغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مۇھىم ئىبارىنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

20يېمەكلىكنى دەپ خۇدانىڭ ئەجرىنى نابۇت قىلماڭلار. ھەممە نەرسە دەرۋەقە ھالالدۇر؛ بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن ئېتىقادىدا* پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ. ◼ 14:20 +bd «بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن ئېتىقادىدا پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق بىرسى يېسە ۋە شۇڭلاشقا باشقىلارنى (ئىمان، ۋىجدان تەرىپىدە) پۇتلاشتۇرسا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا يامان بولىدۇ».* ◘ 14:20 تىت. 1‏:15. *

21شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك. ◼ 14:21 +bd «ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ سۆزلەر تېپىلمايدۇ.* ◘ 14:21 1كور. 8‏:13. *

22سېنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا* ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!

le>