رىملىقلارغا 15:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. ◘ 15:1 1كور. 9‏:22؛ گال. 6‏:1 *

2ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى.

3چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن خۇدانى* ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى». ◼ 15:3 +bd «سەن خۇدانى ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى»+bd* ــ («زەب.» 9:69).* ◘ 15:3 زەب. 69‏:7-9؛ يەش. 53‏:4، 5. *

4چۈنكى بۇرۇندا ۋەھىي بىلەن* پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر. ◘ 15:4 رىم. 4‏:23، 24. *

5ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ ◘ 15:5 رىم. 12‏:16؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. *

6بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.

7شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. ◼ 15:7 +bd «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغاندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىپ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار». ئەمەلىيەتتە بۇ مەنىسىمۇ بىزنىڭ تەرجىمىمىزدىن چىقىدۇ.*

8‏-9 چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا*: ــ

10ۋە ئۇ يەنە: ــ

11ۋە يەنە ئۇ: ــ

12يەنە، يەشايا پەيغەمبەرمۇ* مۇنداق دەيدۇ: ــ

13ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. ◼ 15:13 +bd «ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا...»+bd* ــ ئەينى سۆز «ئۈمىدنىڭ خۇداسى...».*

14ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن.

15شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن.

16شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەس* ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. ◼ 15:16 +bd «بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ...»+bd* ــ «ئەللەر»: يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ. +bd «شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەس ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر»+bd* ــ روسۇل پاۋلۇس ئۆزىنى كاھىنغا ئوخشىتىدۇ. خۇدانىڭ كونا زامانلاردىكى ئىبادەتخانىغا كاھىنلارنى تەمىنلەشتىكى مەقسىتى خەلقنىڭ توغرا يولدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشىدىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا ئۇلار خەلقنىڭ ئۆز قۇربانلىقلىرىنى توغرا، خۇدانىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق پېتىدە سۇنۇشىغا ياردەمچى ۋە خىزمەتكار ئىدى. پاۋلۇس ئۆزىنىڭ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خۇداغا ھەقىقىي، مەنىلىك، چىن دىللىق ئىبادەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر، دەيدۇ. خەقنىڭ بۇ ئىبادىتىنى پاك-مۇقەددەس قىلىش مۇقەددەس روھنىڭ ئىشى، ئەلۋەتتە. بۇ ئىبادەتمۇ پەقەت جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئىشەنگۈچىنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ (1:12-2).*

17شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن.

18‏-19 چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم.

20شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم.

21بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا* ئېيتىلغىنىدەك: ــ

22مانا، شۇ خىزمەتلىرىم* سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. ◘ 15:22 رىم. 1‏:13؛ 1تېس. 2‏:18. *

23‏-24 لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن* يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن. ◘ 15:23‏-24 رىم. 1‏:10؛ 15‏:32؛ 1تېس. 3‏:10؛ 2تىم. 1‏:4. *

25بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن. ◘ 15:25 روس. 19‏:21؛ 24‏:17. *

26چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى.

27بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ* روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ◼ 15:27 +bd «چۈنكى ئەللەر يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ»+bd* ــ «ياردەم بېرىش» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ئادەتتە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.*

28مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى يېرۇسالېمدىكى* قېرىنداشلارنىڭ جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ* بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن. ◼ 15:28 +bd «يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلارنىڭ، جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن،...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «(يېرۇسالېمدىكى) قېرىنداشلارغا بۇ مېۋىسىنى يەتكۈزۈپ مۆھۈرلەندۈرگەندىن كېيىن،...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پاۋلۇس يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ بۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلىشىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلەتتى. چۈنكى ئۇنى قوبۇل قىلىشى سوۋغات بەرگەنلەرنى، يەنى يەھۇدىي ئەمەس ئىشەنگۈچىلەرنى «بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز» دەپ قوبۇل قىلىشىغا باراۋەر بولاتتى، شۇڭلاشقا بارلىق جامائەتلەرنىڭ بىرلىكى ۋە مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەپ ئالغا سۈرەتتى. خۇداغا تەشەككۈر، يەھۇدىي قېرىنداشلار ئۇنى قوبۇل قىلدى («روس.» 17:21).*

29يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. ◘ 15:29 رىم. 1‏:11. *

30قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە مۇقەددەس* روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ ◼ 15:30 +bd «مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر»+bd* ــ «كۈرەش قىلغايسىلەر» دېگەن سۆزلەر جىن-شەيتانلارنىڭ خۇدانىڭ خىزمىتىگە دائىم قارشى چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا بۇ خىزمەت ئۈچۈن دۇئا قىلىش (بۇلارنىڭ قارشى چىققانلىقى تۈپەيلىدىن) بىرخىل كۈرەش، تەس بىر ئىش بولىدۇ (مەسىلەن «كول.» 1:2، 11:4نى كۆرۈڭ).* ◘ 15:30 2كور. 1‏:11. *

31مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ◘ 15:31 2تېـس. 3‏:2. *

32ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر. ◘ 15:32 رىم. 1‏:10؛ 15‏:23. *

le>