1كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛
2ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان. ◼ 16:2 +bd «ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر...»+bd* ــ «رەبنىڭ مۇھەببىتىدە» ئەينى گرېك تىلىدا «رەبدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ ئىبارە توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «ئۇنىڭ (يەنى فىبىنىڭ) ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان»+bd* ــ بۇ سۆزلەرگە قارىغاندا فىبى ئۆزى مەلۇم سەۋەبتىن رىمغا سەپەر قىلماقچى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنىڭ بۇ سالام خېتىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك سەپەر قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. خۇداغا ۋە فىبىگە قولىمىزدا ھازىر تۇرغان بۇ قىممەتلىك خەت ئۈچۈن رەھمەت!*
3مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر ◼ 16:3 +bd «مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر...»+bd* ــ پرىسكا (پرىسكىلا) ۋە ئېرى ئاكۋىلا خۇش خەۋەرنىڭ كۆپ خىزمىتىنى قىلغان («روس.» 2:18، 26، «1كور.» 19:16، «2تىم» 19:4نى كۆرۈڭ).* ◘ 16:3 روس. 18:2،26. *
4(ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). ◼ 16:4 +bd «... ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر»+bd* ــ «ئەللەر»: يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.*
5ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر.
6سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.
7مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر. ◼ 16:7 +bd «يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنيا»+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «قېرىنداشلىرىم» يەنە «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار روسۇللارنىڭ قارىشىدا بەك ئابرۇيلۇق كىشىلەر».*
8رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر.
9بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
10سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.
11يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
12رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك سىڭلىم* پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر.
13رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر.
14ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.
15فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. ◼ 16:15 +bd «فىلولوگۇس ۋە يۇليا»+bd* ــ بەلكىم ئەر-ئايال.*
16بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام! ◘ 16:16 1كور. 16:20؛ 2كور. 13:12؛ 1تېس. 5:26؛ 1پېت. 5:14. *
17قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. ◘ 16:17 مات. 18:17؛ كول. 2:8؛ 2تېـس. 3:6؛ 2تىم. 3:5؛ تىت. 3:10؛ 2يۇھ. 10. *
18بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ. ◘ 16:18 ئەز. 13:18؛ فىل. 3:19. *
19سىلەرنىڭ رەبگە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ◘ 16:19 مات. 10:16؛ 1كور. 14:20. *
20ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ.
21خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. ◘ 16:21 روس. 13:1؛ 16:1؛ 17:5؛ 20:4؛ فىل. 2:19؛ كول. 1:1؛ 1تېس. 3:2؛ 1تىم. 1:2. *
22(ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن). ◼ 16:22 +bd «ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن»+bd* ــ روسۇل پاۋلۇسنىڭ كۆزى ئاجىز بولغاچقا، ئادەتتە ياردەمچىگە خەتلىرىنى يازدۇراتتى. تەرتىي ئۇنىڭ ئۈچۈن «رىملىقلارغا»نىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى (خاتىرىلىگۈچى) بولغانىدى.*
23ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق. ◘ 16:23 روس. 19:22؛ 2تىم. 4:20. *
24رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!
25ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولغاي*! ◘ 16:25 ئەف. 1:9؛ 3:9،20؛ كول. 1:26؛ 2تىم. 1:10؛ تىت. 1:2؛ 1پېت. 1:20. *
26سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛
27شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن!