رىملىقلارغا 2:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى ئەي باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنسان، كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر باھانە كۆرسىتەلمەيسەن؛ چۈنكى باشقىلار ئۈستىدىن قايسى ئىشتا ھۆكۈم قىلساڭ، شۇ ئىشتا ئۆز گۇناھىڭنى بېكىتىسەن. چۈنكى ئەي ھۆكۈمچى، سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن. ◘ 2:1 2سام. 12‏:5؛ مات. 7‏:1؛ 1كور. 4‏:5. *

2بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى مۇتلەق* ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر.

3شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟

4ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟ ◘ 2:4 2پېت. 3‏:15. *

5ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن. ◘ 2:5 رىم. 9‏:22. *

6خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ. ◘ 2:6 زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. *

7ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ ◼ 2:7 +bd «ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىق...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە چىرىمەسلىك...».*

8لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛ ◘ 2:8 2تېـس. 1‏:8. *

9يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد-ئەلەم چۈشىدۇ؛ ◼ 2:9 +bd «يەھۇدىيلارغا، ئاندىن گرېكلەرگە...»+bd* ــ «گرېكلەر» (ياكى «يۇنانلىقلار») يەردە ۋە 10-ئايەتتە بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئەللىلەر ۋە مىللەتلەرگە ۋەكىل كېلىدۇ.*

10بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ.

11چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر. ◘ 2:11 قان. 10‏:17؛ 2تار. 19‏:7؛ ئايۇپ 34‏:19؛ روس. 10‏:34؛ گال. 2‏:6؛ ئ‍ەف. 6‏:9؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17. *

12ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەي گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، ئەيىبكە ئۇچراپ* ھالاك بولىدۇ؛ تەۋرات قانۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى بۇ قانۇن بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ ◼ 2:12 +bd «تەۋرات قانۇنى»+bd* ــ ياكى پەقەت «قانۇن» ياكى «مۇقەددەس قانۇن»، مۇشۇ يەردە ۋە تۆۋەندىكى بارلىق ئايەتلەردە خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن قانۇننى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋۋالقى بەش قىسمىنى تەشكىل قىلغان؛ شۇڭا يەھۇدىي خەلقى بەزىدە مۇشۇ بەش قىسىمنى «قانۇن-يوليورۇق» (ئىبرانىي تىلىدا «توراھ») دەپ ئاتايدۇ. ئەرەب تىلىدىكى «تەۋرات» مۇشۇ سۆزدىن چىققان.

13(چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ. ◘ 2:13 مات. 7‏:21؛ ياق. 1‏:22؛ 1يۇھ. 3‏:7. *

14چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ.

15ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ)

16ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ*. ◼ 2:16 +bd «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ»+bd* ــ «يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار» 6-12 ئايەتلەردە ئېيتىلغان ئىشلارنى، دېمەك خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:16 مات. 25‏:31. *

17سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ، ◼ 2:17 +bd «خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدادا ماختانساڭ...».* ◘ 2:17 رىم. 9‏:4. *

18قانۇندىن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئېسىل بىلەن پەسنى پەرق ئەتكەن بولساڭ،

19‏-20 تەۋرات قانۇنىدىن بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولدۇم دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارغا يول باشلىغۇچى، قاراڭغۇدا قالغانلارغا ماياك، نادانلارغا ئۆگەتكۈچى، گۆدەكلەرگە ئۇستاز دەپ ئىشەنگەن بولساڭ ــ

21ئەمدى سەن باشقىلارغا تەلىم بېرىسەنۇ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ ئوغرىلىق قىلماڭلار دەپ ۋەز ئېيتىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟

22«زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسەن؟

23تەۋرات قانۇنى بىلەن ماختىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇداغا داغ كەلتۈرەمسەن؟!

24خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا* يېزىلغىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا». ◼ 2:24 +bd «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا»+bd* ــ «يەش.» 5:52.* ◘ 2:24 يەش. 52‏:5؛ ئ‍ەز. 36‏:2. *

25تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ. ◼ 2:25 +bd «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ.»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەتنە قىلىدۇ. خەتنىلىكنىڭ ئۆزى «مەن خۇدانىڭ ئادىمىمەن» دېگەنلىكنى ۋە «يەھۇدىي بولۇش»نىڭ سىمۋولى دەپ قارىلاتتى.*

26ئەمدى خەتنىسىزلەر قانۇننىڭ تەلەپلىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە خەتنىسىز بولسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن خەتنىلىك ھېسابلانمامدۇ؟

27تەۋرات قانۇن دەستۇرىدىن خەۋەردار ۋە خەتنىلىك تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى، ئى يەھۇدىي، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان جىسمانىي خەتنىسىزلەر تەرىپىدىن سېنىڭ گۇناھىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتمامدۇ؟

28چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى ھەقىقىي* يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ ھەقىقىي* خەتنە دېگىلى بولمايدۇ، ◘ 2:28 يـۇھ. 8‏:39؛ رىم. 9‏:7. *

e>