1ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟
2ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. ◘ 3:2 زەب. 147:19؛ رىم. 9:4. *
3ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟ ◼ 3:3 +bd «ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟»+bd* ــ پاۋلۇس بەلكىم خۇدانىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ئەھدە-ۋەدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، بەزى يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بۇ قىلمىشلىرى خۇدانىڭ ۋەدىسىنى يوققا چىقىرىۋېتەمدۇ؟* ◘ 3:3 چۆل. 23:19؛ رىم. 9:6؛ 2تىم. 2:13. *
4ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە* يېزىلغىنىدەك: ــ
5لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟ ◼ 3:5 +bd «مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن!»+bd* ــ دېمەك، پەقەت ئىساننىڭ كۆز-قارىشى بويىچە سۆزلەيمەن. بۇ ئىبارىدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھەرقانداق ئادەم توۋا قىلمىسا، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى تۇمانلىشىپ كېتىدۇ، ئۆزى ئېلىشىپ قالىدۇ.*
6مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟
7بەزىلەر يەنە*: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن*. ◼ 3:7 +bd «مېنىڭ يالغانچىلىقىم ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنىدۇ...»+bd* ــ خۇدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ بەزىلىرى ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقى، ھەتتا مەسىلەن ئۆز مەسىھىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ بېشارەت بەرگەنىدى. شۇڭا «مېنىڭ يالغانچىلىقىم» خۇدانىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.*
8ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر!
9ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز يەھۇدىيلار* يەھۇدىي ئەمەسلەردىن* ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق. ◼ 3:9 +bd «يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق»+bd* ــ «گرېكلار» مۇشۇ يەردە بارلىق «يەھۇدىي ئەمەسلەر»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.* ◘ 3:9 گال. 3:22. *
10دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ
11يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر،
12ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى،
13ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر،
14ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان. ◼ 3:14 +bd «ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان»+bd* ــ «زەب.» 7:10.* ◘ 3:14 زەب. 10:7*
15«پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ ◘ 3:15 پەند. 1:16؛ يەش. 59:7. *
16بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر.
17تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس». ◼ 3:17 +bd «پۇتلىرى قان تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر»+bd* ــ (15-17-ئايەت) «يەش.» 7:59-8.* ◘ 3:17 يەش. 59:7،8*
18«ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر». ◼ 3:18 +bd «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر»+bd* ــ «زەب.» 1:36.* ◘ 3:18 زەب. 36:1*
19تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر. ◼ 3:19 +bd «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلار»+bd* ــ يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن»+bd* ــ «تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم يۇقۇرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن، بارلىق ئىنساننىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان (تەۋراتتىكى) ئايەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.*
20شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن خۇدانىڭ* ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ. ◘ 3:20 رىم. 7:7؛ گال. 2:16؛ ئىبر. 7:18. *
21بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىمۇ* گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛ ◘ 3:21 رىم. 1:17؛ فىل. 3:9. *
22يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر ◼ 3:22 +bd «مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلار...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئىتىقادى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلار...». گرېك تىلىدا «ئىشەنچ، ئېتىقاد» ۋە «ساداقەتلىك، ئىشەنچلىك» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*
23(چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) ◼ 3:23 +bd «چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى»+bd* ــ بۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار؛ (1) خۇدا ئەسلىدە ئادەمنى «ئۆز سۈرىتى بويىچە»، يەنى «ئۆز شان-شەرىپى بولۇشى ئۈچۈن» ياراتقانىدى. گۇناھ سادىر قىلغىنىدا ئىنسان بۇ شان-شەرەپكە يېتەلمىدى، شۇڭلاشقا خۇداغا ۋەكىل بولۇشتىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولدى. (2) گۇناھى تۈپەيلىدىن ئىنسان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرەلمەيدىغان بولدى.*
24چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، خۇدانىڭ* مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ. ◼ 3:24 +bd «مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق...»+bd* ــ ياكى «مەسىھ ئەيسانىڭ گۇناھتىن ھۆر قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق...».* ◘ 3:24 يەش. 53:5. *
25خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كەفارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ ئىنسانلارنىڭ* ئۇنىڭ قۇربانلىق* قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن قۇربانلىق* ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ◼ 3:25 +bd «گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كەفارەت قۇربانلىقى»+bd* ــ گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كەفارەت» توغرۇلۇق «مىس.» 33:29 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. +bd «خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كەفارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ (ئىنسانلارنىڭ) ئۇنىڭ (قۇربانلىق) قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن (قۇربانلىق) ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى»+bd* ــ بۇ تولۇق ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. خۇدا بۇرۇنقى زاماندىكى توۋا قىلغان ئېتىقادچى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى جازالىماي كەچۈرۈم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەسىھنىڭ كەلگۈسى زاماندا قۇربانلىق بولۇپ، شۇ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئاساسلانغانىدى، شۇڭلاشقا پۈتۈنلەي ئادىللىق ئىدى. «گۇناھلارغا ... ئۆتكۈزۈۋېتىش» دېگەن ئىبارە بەلكىم بۇرۇنقى دەۋردىكى +bd بارلىق گۇناھلارنىمۇ+bd* ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىراق خۇدا بۇ گۇناھلارنى جازالىماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، خەقلەر توۋا قىلمىسا بەرىبىر ئاخىر بېرىپ ئۆزلىرى جازالىرىنى تارتىدۇ. ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق.* ◘ 3:25 مىس. 25:17؛ 2كور. 5:19؛ كول. 1:20؛ ئىبر. 4:16؛ 1يۇھ. 4:10. *
26بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ قۇربانلىق* ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى. ◼ 3:26 +bd «شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى»+bd* ــ مەسىھ ئەيسا ھەر زاماندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممە گۇناھىنىڭ تېگىشلىك جازاسى (خۇدانىڭ گۇناھ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان غەزىپى)نى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خۇدا تولىمۇ ھەققانىيلىق بىلەن توۋا قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇلارنى ھەققانىي قىلغۇچى بولىدۇ.*
27ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى!
28چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز! ◼ 3:28 +bd «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس...»+bd* ــ مۇ ئىبارە گرېك تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ: «قانۇندىكى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» ياكى «قانۇنغا قارىتىلغان ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» ياكى «قانۇندىن چىققان ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە «رىم.» 28:3، «گال.» 16:2، 2:3، 5، 10دىمۇ تېپىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى» ئۆزىنىڭ گۇناھقا پاتقان بىر گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس.* ◘ 3:28 روس. 13:38؛ رىم. 8:3؛ گال. 2:16؛ ئىبر. 7:25. *
29ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر.
30خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ. ◼ 3:30 +bd «خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «خەتنە قىلىنغانلار» يەھۇدىيلارنى، «خەتنە قىلىنمىغانلار» بارلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى بىلدۈرىدۇ.*