رىملىقلارغا 4:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىيلارنىڭ* جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟ ◼ 4:1 +bd «ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى..»+bd* ــ ياكى «ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئۆگەنگىنى..»، «ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ بىلگىنى..».* ◘ 4:1 يەش. 51‏:2. *

2ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى).

3چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ

4ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ.

5بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ! ◼ 4:5 +bd «بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ!»+bd* ــ «ھېچ ئەمەل قىلماي» دېگىنى، ھەققانىيلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش جەھەتىدىن ئېيتىلىدۇ، «ئادەملەر جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك ئەمەس» دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.*

6خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت پەيغەمبەرمۇ* مۇنداق دېگەن: ــ

7«ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان،

8پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!». ◼ 4:8 +bd «ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!»+bd* ــ (7-8-ئايەت) «زەب.» 1:32-2.* ◘ 4:8 زەب. 32‏:1، 2*

9ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى: «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز. ◼ 4:9 +bd «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى»+bd* ــ «يار.» 6:15.* ◘ 4:9 يار. 15‏:6*

10ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى!

11ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ ئېتىقادى بىلەن* ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ! ◘ 4:11 يار. 17‏:11. *

12ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر.

13چۈنكى خۇدانىڭ* ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن.

14چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى. ◘ 4:14 گال. 3‏:18. *

15چۈنكى تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ* غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ. ◼ 4:15 +bd «تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ»+bd* ــ ئادەم خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلالمىغاچقا، قانۇن ئۇنىڭ گۇناھىنى نامايان قىلىدۇ؛ نامايان قىلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ غەزىپى ئۇنىڭ گۇناھى ئۈستىگە چۈشىدۇ.* ◘ 4:15 يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 5‏:20؛ 7‏:8؛ گال. 3‏:19. *

16‏-17 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ پەقەت* ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىقاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى. ◼ 4:16‏-17 +bd «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلار»+bd* ــ يەھۇدىي خەلق. +bd «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم»+bd* ــ («يار.» 5:17). خۇدانىڭ ئىبراھىمغا ئېيتقان بۇ سۆزى «ئۆتكەن زامان» شەكلىدە («+bd قىلدىم+bd*») بولۇپ، ھېچ پەرزەنتسىز بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئېيتىلغان. بۇ كېيىنكى ئايەتلەر بىلەن زىچ باغلىقتۇر.* ◘ 4:16‏-17 يەش. 51‏:2؛ يار. 17‏:5. *

18ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭ سان-ساناقسىز* بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى. ◼ 4:18 +bd «سېنىڭ نەسلىڭ سان-ساناقسىز بولىدۇ»+bd* ــ «يار.» 5:15.* ◘ 4:18 يار. 15‏:5؛ ئىبر. 11‏:12. *

19ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛ ◼ 4:19 +bd «ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ...»+bd* ــ دېمەك، ئۇ ئۆز تېنىنىڭ ئۆلۈكتەك بولغان ئەھۋالىغا ۋە ساراھنىڭ قەتئىي تۇغماسلىقىغا تولىمۇ رېئاللىق ۋە ئېغىربېسىقلىق بىلەن قارايتتى، بىراق بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ھېچ تەسىر يەتكۈزمىدى.*

20خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى، ◘ 4:20 يـۇھ. 8‏:56؛ ئىبر. 11‏:11، 18. *

21«ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۈرۈلدى. ◘ 4:21 زەب. 115‏:3*

22شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى». ◘ 4:22 يار. 15‏:6. *

e>