رىملىقلارغا 6:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇنداقتا، نېمە دېگۈلۈك؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ گۇناھ ئىچىدە ياشاۋېرەمدۇق؟

2ياق، ھەرگىز! گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن بىزلەر قانداقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىمىز؟

3ياكى سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟ ◼ 6:3 +bd «ھەرقايسىمىز مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلدۇق؟»+bd* ــ «مەسىھ ئەيساغا كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلۈش» سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ ئېتىقادنى ئېتىراپ قىلىشنى كۆرسىتەمدۇ، ياكى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسىتەمدۇ؟ بىزنىڭچە ھەر ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى خۇدا ئالدىدا پەقەت «بىر چۆمۈلدۈرۈلۈش» بار («ئەف.» 5:4)؛ خۇدانىڭ ئادەمنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشىدە بولغان مەقسىتى، بۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۆز روھىغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئىبارەت. بىرسى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلمىگەن بولسا تېخى تولۇق «مەسىھ ئىچىگە چۆمۈلدۈرۈلگەن» بولمايدۇ (ئىنجىل، «روس.» 1:19-6، «ئەف.» 5:4، «كول.» 11:2-13، «1پېت.» 21:3 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ).* ◘ 6:3 گال. 3‏:27. *

4بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۇق؛ بۇنىڭ مەقسىتى، مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك، بىزنىڭمۇ يېڭى ھاياتتا مېڭىشىمىز ئۈچۈندۇر. ◼ 6:4 +bd «بىز چۆمۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىچىگە كىرىپ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «چۆمۈلدۈرۈلۈش» «شۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش» دېيىلىدۇ. يۇقىرىقى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. +bd «مەسىھ ئاتىنىڭ شان-شەرىپى ئارقىلىق ئۆلۈمدىن تىرىلگىنىدەك...»+bd* ــ «ئاتا» خۇدائاتىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 6:4 رىم. 8‏:11؛ ئ‍ەف. 4‏:23؛ فىل. 3‏:10،11؛ كول. 2‏:12؛ 3‏:10؛ ئىبر. 12‏:1؛ 1پېت. 2‏:2. *

5چۈنكى مەسىھنىڭ* ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز. ◼ 6:5 +bd «چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باغلانغانىكەنمىز، ئەمدى بىز چوقۇم ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىشتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمىز»+bd* ــ «ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بىر ئۆلۈم» سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئۇنىڭ تىرىلىشىگە ئوخشاش بىر تىرىلىش» بىزنىڭچە (1) يېڭى ھاياتقا ئېرىشىش؛ ۋە (2) قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.* ◘ 6:5 رىم. 8‏:11؛ كول. 3‏:1. *

6شۇنى بىلىمىزكى، گۇناھنىڭ ماكانى بولغان تېنىمىز كاردىن چىقىرىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدا يەنە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، «كونا ئادەم»ىمىز مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلىنىپ ئۆلگەن ◘ 6:6 گال. 2‏:20؛ 5‏:24؛ فىل. 3‏:10؛ 1پېت. 4‏:1، 2. *

7(چۈنكى ئۆلگەن كىشى گۇناھتىن خالاس بولغان بولىدۇ). ◘ 6:7 1پېت. 4‏:1. *

8مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن بولساق، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشايدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. ◘ 6:8 2تىم. 2‏:11. *

9چۈنكى مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدىغانلىقى، ئۆلۈمنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. ◘ 6:9 ۋەھ. 1‏:18. *

10چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى، ئۇ گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملىق ئۆلدى؛ ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر. ◼ 6:10 +bd «ئۇنىڭ ھازىر ياشاۋاتقان ھاياتى بولسا، ئۇ خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر»+bd* ــ «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان ھاياتتۇر»: بۇ ئىبارىنىڭ بەلكىم ئۈچ مەنىسى بار بولۇشى مۇمكىن؛ (1) خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ياشاش؛ (2) خۇداغا پۈتۈنلەي تايىنىپ ياشاش (شۇنداق قىلغاندا ئۆلۈم بولمايدۇ)؛ (3) خۇدانىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ياشاش. روسۇل بەلكىم ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ياشاۋاتقان يېڭى ھاياتىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي نىيەتلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتقان» بولۇشى كېرەك، دېمەكچى بولىدۇ (11-ئايەتنى كۆرۈڭ).* ◘ 6:10 1پېت. 2‏:24. *

11شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، ئەمما مەسىھ ئەيسادا بولۇپ خۇداغا يۈزلىنىپ تىرىك دەپ ھېسابلاڭلار.

12شۇڭا گۇناھنىڭ ئۆلىدىغان تېنىڭلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويماڭلار، ئۇنىڭ رەزىل ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بويسۇنماڭلار،

13شۇنىڭدەك تېنىڭلارنىڭ ھېچ ئەزاسىنى ھەققانىيەتسىزلىققا قورال قىلىپ گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەردەك، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار ھەمدە تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ھەققانىيەتنىڭ قورالى قىلىپ خۇداغا ئاتاڭلار. ◘ 6:13 لۇقا 1‏:74؛ رىم. 12‏:1؛ گال. 2‏:20؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 4‏:2. *

14گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.

15ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇننىڭ ئاستىدا ئەمەس، مېھىر-شەپقەت ئاستىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز!

16ئۆزلىرىڭلارنى ئىتائەتمەن قۇللاردەك بىرىگە تۇتۇپ بەرسەڭلار، شۇ كىشىنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ــ ياكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھنىڭ قۇللىرى، ياكى خۇدا ئالدىدا ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتمەنلىكنىڭ قۇللىرى بولۇشۇڭلار مۇخەررەر. ◘ 6:16 يـۇھ. 8‏:34؛ 2پېت. 2‏:19. *

17خۇداغا تەشەككۈر! بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغانسىلەر، بىراق مەسىھنىڭ* تەلىمىگە باشلىنىپ، بۇ تەلىم كۆرسەتكەن نەمۇنىگە چىن دىلىڭلاردىن ئىتائەت قىلدىڭلار.

18سىلەر گۇناھنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. ◘ 6:18 يـۇھ. 8‏:32؛ گال. 5‏:1؛ 1پېت. 2‏:16. *

19ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن: ــ ئىلگىرى سىلەر تەن ئەزايىڭلارنى ناپاك ئىشلارغا ۋە ئەخلاقسىزلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىشىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلغاندەك، ئەمدى ھازىر تەن-ئەزالىرىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە باشلايدىغان ھەققانىيلىققا قۇللاردەك تۇتۇپ بېرىڭلار. ◼ 6:19 +bd «ئەتلىرىڭلار ئاجىز بولغاچقا، سىلەرگە ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن...»+bd* ــ «مەن ئىنسانچە سۆزلەۋاتىمەن» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق 5:3تىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

20سىلەر گۇناھنىڭ قۇللىرى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىيلىقنىڭ ئىلكىدە ئەمەس ئىدىڭلار. ◘ 6:20 يـۇھ. 8‏:34. *

21ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر.

22بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.

e>