1مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ ◼ 9:1 +bd «مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن»+bd* ــ «مەسىھتە»: «مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات، كۈچ-قۇدرەتنى ئالغاندا.....» دېگەن مەنىدە،. «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 9:1 رىم. 1:9؛ 2كور. 1:23؛ 11:31؛ گال. 1:20؛ فىل. 1:8؛ 1تېس. 2:5؛ 5:27. *
2قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار.
3-4 چۈنكى مېنىڭ بۇرادەرلىرىم، يەنى جىسمانىي جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم بولغان ئىسرائىللارنى نىجات تاپقۇزالىسام* خۇدانىڭ* لەنىتىگە قېلىپ مەسىھتىن مەھرۇم قىلىنىشىمنى تىلەشكە رازى ئىدىم؛ ئۇلار ئىسرائىللار! ــ ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى، خۇدانىڭ* شان-شەرىپىنىڭ ئايان قىلىنىشى، ئەھدىلىرى، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئامانەت بولۇشى، ئىبادەت خىزمەتلىرى ۋە تەۋرات* ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى. ◼ 9:3-4 +bd «ئۇلارغا ئوغۇللۇق ھوقۇقى،... ۋە تەۋرات ۋەدىلىرى نېسىۋە قىلىندى»+bd* ــ «ئوغۇللۇق ھوقۇقى» دېگەكلىك، مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئوغۇل بولۇشتىكى ئىمتىياز.* ◘ 9:3-4 مىس. 32:32؛ رىم. 10:1؛ مىس. 4:22؛ قان. 7:6؛ رىم. 2:17؛ 3:2؛ ئەف. 2:12. *
5ئۇلۇغ ئىبرانىي* ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن! ◼ 9:5 +bd «ئۇلۇغ ئىبرانىي ئاتا-بوۋىلىرى»+bd* ــ دېمەك، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ ۋە يەھۇدا قاتارلىقلار. +bd «جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر»+bd* ــ دېمەك، مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ +bd روھىي جەھەتىمۇ+bd* بار ئىدى ــ ئۇ ھەم ئىنساندىن (پاك ئىسرائىللىق قىز مەريەمدىن) ھەم مۇقەددەس روھدىن تۇغۇلغان. +bd «...مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن!»+bd* ــ روسۇل پاۋلۇسقا ئەڭ دەرد يەتكۈزىدىغان ئىش ــ مەسىھ ئىسرائىلدا تۇغۇلغان ۋە تولۇق خۇدالىق تەبىئىتى بولسىمۇ، ئىسرائىللار ئۆزلىرى ئۇنى، يەنى ئۆز مەسىھىنى ھېچ تونۇمايتتى.* ◘ 9:5 يەر. 23:6؛ يـۇھ. 1:1؛ روس. 20:28؛ رىم. 1:4؛ ئىبر. 1:8،9،10. *
6ــ بىراق خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان* سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛ ◘ 9:6 چۆل. 23:19؛ يـۇھ. 8:39؛ رىم. 2:28؛ 3:3؛ 2تىم. 2:13. *
7شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا*: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن. ◼ 9:7 +bd «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ»+bd* ــ («يار.» 12:21). بۇ سۆز ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، تولۇق مەنىسى: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ، يەنى پۈتكۈل دۇنياغا بەختىمنى يەتكۈزىدىغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسمائىلدىن ئەمەس، ئىسھاقتىنلا كېلىپ چىقىدۇ» دېگەندەك.* ◘ 9:7 يار. 21:12؛ گال. 3:29؛ 4:23؛ ئىبر. 11:18. *
8دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن ئىبراھىمدىن* تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇۋەرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ* ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر ئىبراھىمنىڭ* ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ. ◘ 9:8 گال. 4:28. *
9چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى* مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ». ◼ 9:9 +bd «كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ»+bd* ــ («يار.» 10:18، 14). بۇ ئايەتتە دېيىلگەن «ئوغۇل» ئىسھاق بولىدۇ.* ◘ 9:9 يار. 18:10. *
10ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەككە* ھامىلىدار بولغاندا، ◘ 9:10 يار. 25:21. *
11-12 پەرزەنتلىرى تېخى تۇغۇلمىغاندا، ھېچقانداق ياخشى ياكى يامان ئىشنىمۇ قىلماستا، خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رىۋكاھغا: «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. ◼ 9:11-12 +bd «خۇدا ئۆزىنىڭ ئادەملەرنى تاللاشتىكى مۇددىئاسىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىگە ئەمەس، پەقەت چاقىرغۇچى بولغاننىڭ ئىرادىسىگە ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن...»+bd* ــ «چاقىرغۇچى بولغان» ــ خۇدا ئۆزى، ئەلۋەتتە. +bd «چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ»+bd* ــ («يار.» 23:25). قوشكېزەكنىڭ كىچىكى ياقۇپ، چوڭى ئەساۋ بولىدۇ.* ◘ 9:11-12 يار. 25:23. *
13خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم». ◼ 9:13 +bd «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم»+bd* ــ تەۋرات، «مال.» 2:1-3.* ◘ 9:13 مال. 1:2-3. *
14ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق! ◘ 9:14 قان. 32:4؛ 2تار. 19:7؛ ئايۇپ 34:10. *
15چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ
16دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر.
17چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى». ◼ 9:17 +bd «چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن:...»+bd* ــ پىرەۋن مىسىردىكى پادىشاھ بولۇپ، ئىسرائىللارنى قۇللۇققا سالغان. ئۇ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق كەلگەن پەرمانلىرىغا زور قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە بارغانسېرى خۇداغا قاراپ ئۆز كۆڭلىنى تاش قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغان. بىراق ئاخىر بېرىپ خۇدا ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، «مىسىردىن چىقىش»تا خاتىرىلەنگەندەك، «خۇدا پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى» (12:9) ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى. +bd «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى»+bd* ــ «مىس.»، 16:9.* ◘ 9:17 مىس. 9:16. *
18دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ.
19ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن.
20بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلۈۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ
21خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ ◼ 9:21 +bd «خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟»+bd* ــ «ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ... ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ...» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ مەسىلەن، بىر قاچىدا ئۆي خوجايىنى شاراب ئىچىدۇ، باشقا بىر قاچىغا بالىنىڭ تەرەتلىرى ئېلىنىدۇ. ئىككىسىنىڭ ئۆز ئىشلىتىش ئورنى بار، بىراق بۇلارنىڭ بىرى «ئېسىل» بىرى «ئادەتتىكى» دەپ ھېسابلىنىدۇ.* ◘ 9:21 2تىم. 2:20. *
22خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ ◼ 9:22 +bd «ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»»+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە تەييارلىغان «قاچىلار»».*
23-24 ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ ◼ 9:23-24 +bd «خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى قىلغان ۋە شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشقا ئالدىنئالا تەييارلىغان «قاچىلار»دا، يەنى ئۆزى يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرغان بىزلەردە شان-شەرىپىنىڭ چەكسىزلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟»+bd* ــ (22-24-ئايەت) ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلسا بىلىدۇكى، پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ مۇھىم سوئالىغا جاۋاب بەرمەيدۇ. سوئالنىڭ ئومۇمىي شەكلى: «خۇدا شۇنداق قىلىشنى خالىغان بولسا ئەمدى بىزنىڭ قانداقمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىش ھوقۇقىمىز بار؟» دېگەندەك. ئەينى ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭكىدۇر. بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى شۇكى، گۇناھىمىزدىن قۇتۇلۇشنى خالىساقلا، خۇدا ئۆزى مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ئارقىلىق تەييارلىغان توۋا قىلىش ئېتىقادلىق يولىنى ئالدىمىزغا ئوچۇق قىلدى.*
25بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ
26ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا،
27يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ
28چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ». ◼ 9:28 +bd «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ»+bd* ــ (27-28-ئايەت) «يەش.» 22:10-23. بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلاردا يەشايانىڭ بېشارىتى سەل قىسقىراق: «پەرۋەردىگار بۇ يەر يۈزى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ» دەپ نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ.* ◘ 9:28 يەش. 10:22، 23. *
29يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك يوقالغان* بولاتتۇق». ◼ 9:29 +bd «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك يوقالغان بولاتتۇق»+bd* ــ «يەش.» 9:1. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۈستىگە ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرۇپ يوقاتقان («يار.» 19-باب).* ◘ 9:29 يار. 19:24؛ يەش. 1:9؛ 13:19؛ يەر. 50:40؛ ئەز. 16:46. *
30ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى. ◼ 9:30 +bd «ئەللىكلەر»+bd* ــ يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر».*
31لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى. ◘ 9:31 رىم. 10:2؛ 11:7. *
32نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىققا* ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛ ◼ 9:32 +bd «ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىققا ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى»+bd* ــ «ساۋابلىق ئىشلار»: ــ ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ مەكتۇپتىن ھازىر ئايان بولىدۇكى، خۇدا ئالدىدا بىزگە ھېچ ئىش «ساۋاب» ھېسابلانمايدۇ؛ ھەققانىيلىق پەقەت ئۇ ئەۋەتكەن مەسىھكە باغلىغان ئېتىقاتتىن كېلىدۇ. شۇڭا «ساۋابلىق ئىشلار» («خۇدا بۇ ئىشلار ئارقىلىق ماڭا ساۋاب قوشۇپ بېرىدۇ» دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن بولساق) خۇدا ئالدىدا قەتئىي مەۋجۇت ئەمەستۇر.*