1شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا: ــ ئەي قىزىم، ھال-ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟ ◼ 3:1 +bd «سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟»+bd* ــ نائومىنىڭ مۇشۇ «ئارام-بەخت» دېگىنى رۇتنى قايتىدىن ئۆي-ئوچاقلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.*
2سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ.
3ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، ئېسىل* كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ-ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن. ◼ 3:3 +bd «ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ،...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈڭنى مەسىھ قىلىپ» ياكى «ئۆزۈڭنى مەسىھلەپ».*
4ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى.
5رۇت ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى.
6ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى.
7بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى.
8يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى! ◼ 3:8 +bd «چۆچۈپ،...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «تىترەپ كېتىپ، ...». ھېچبولمىغاندا، بوئاز پۇتلىرىغا سوغۇق ئۇرۇلغاندا ئويغىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك. +bd «ئېڭىشكەندە»+bd* ــ ياكى «ئۆرۈلگەندە».*
9كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ.
10ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى سېنى ئىزدىگەن* يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ. ◼ 3:10 +bd «سېنى ئىزدىگەن يىگىتلەر»+bd* ــ بوئازنىڭ سۆزىگە قارىغاندا (شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەم تىرىشچان ھەم چىرايلىق بولغاچقا) رۇتنى بىرقانچە يىگىت ئىزدەپ كەلگەن. لېكىن رۇت ئۆز مەيلىگە ئەگىشىپ ئۇلارنى تاللىماي، بەلكى ئورنىغا قېينئانىسى نائومىغا ياخشى بولسۇن دەپ رەھمەتلىك ئېرىگە «ھەمجەمەت-نىجاتكار» بولغان بوئازنىڭ پاناھلىقىنى ئىزدىگەن. شۇنىڭ بىلەن بوئاز رۇتنىڭ قىلغىنى توغرۇلۇق: «سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر» دەيدۇ. رۇتنىڭ «ئىلگىرى كۆرسەتكەن (ساداقەت-مېھرىبانلىقى)» بولسا قېينئانىسىغا بولغان ساداقەتلىكىنى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بوئازنىڭ «سەن كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىق» دېگىنى بولسا ئۆزىنى ئىزدىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*
11ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ. ◼ 3:11 +bd «پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىمنىڭ شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىكى كىشىلەر» ــ قەدىمكى زاماندا «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەر ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى؛ شۇ يەردە سوت ئېچىلاتتى. شۇڭا بوئازنىڭ سۆزىنىڭ تولۇق مەنىسى «مېنىڭ شەھىرىمدىكى بارلىق مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ قارايدۇ».*
12دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار.
13ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى
14ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر-بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز: ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. ◼ 3:14 +bd «ئېيتقانىدى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېيتقانىدى» ياكى «ئويلىغانىدى» دېگەن مەنە بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە «ئېيتقانىدى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.*
15ئۇ يەنە رۇتقا*: ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى. ◼ 3:15 +bd «ئالتە كەمچەن»+bd* ــ بەلكىم «ئالتە ئەفاھ»، يەنى 27-45 كىلوگرامنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
16رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. ◼ 3:16 +bd «سەن ھازىر كىم؟»+bd* ــ نائومى: «سەن ھازىر كىم؟» دېگەن سوئال بىلەن رۇتنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنى سورايدۇ: ئۇ: «ھازىر سەن بوئازنىڭ ئايالى بولدۇڭمۇ-يوق؟» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.*
17ئۇ: ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ: «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى.