زەبۇر 1:1-6 UIGB2010 - Bible AI

1رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! ◘ 1:1 زەب. 26‏:4-5؛ پەند. 1‏:10، 15؛ 4‏:14، 15؛ 1كور. 15‏:33؛ ئ‍ەف. 5‏:11

2ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. ◼ 1:2 \+bd «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇ ئۇنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ» ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ زەبۇر مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبى، مەسىھتىن باشقا كىم «پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ»؟! بىردىنبىر مۇكەممەل ئادەم پەقەت ئۇدۇر. ئۇنداق بولغاندا، «ئۇنىڭ قانۇنى» ئۆزىنىڭكىدۇر! ◘ 1:2 قان. 6‏:6-9؛ 17‏:19؛ يە. 1‏:8؛ زەب. 112‏:1؛ 119‏:1

3ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. ◼ 1:3 \+bd «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ»\+bd* ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 1:3 يەر. 17‏:8

4رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرۇۋەتكەن توزاندەكتۇر. ◘ 1:4 ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 35‏:5؛ يەش. 17‏:13؛ 29‏:5؛ ھوش. 13‏:3

5شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.

6چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
>