زەبۇر 103:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم؛ ئى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر قايتۇر!

2پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛

3ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛

4ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ.

5كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ؛ ياشلىقىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يېڭىلىنىدۇ. ◼ 103:5 \+bd «كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئارىسىدا «يىللىرىڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ» دېيىلىدۇ.

6پەرۋەردىگار بارلىق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ؛

7ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا، قىلغانلىرىنى ئىسرائىللارغا نامايان قىلغان.

8پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ. ◘ 103:8 مىس. 34‏:6؛ چۆل. 14‏:18؛ قان. 5‏:10؛ نەھ. 9‏:17؛ زەب. 86‏:15؛ 145‏:8؛ يەر. 32‏:18

9ئۇ ئۇزۇنغىچە ئەيىبلەۋەرمەيدۇ، ياكى تا مەڭگۈگە غەزىپىدە تۇرىۋەرمەيدۇ. ◘ 103:9 يەش. 57‏:16؛ يەش. 3‏:5

10ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس.

11ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر.

12شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى.

13ئاتا بالىلىرىغا قانداق كۆيۈنگەن بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا شۇنداق مېھرىباندۇر.

14چۈنكى ئۇ ئۆزى بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ، تۇپراقتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇ ئېسىگە ئالىدۇ.

15ئىنسان بولسا ــ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، دالادىكى گۈلدەك ئۈنۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ؛ ◘ 103:15 ئايۇپ 14‏:1، 2؛ زەب. 90‏:5، 6؛ ياق. 1‏:10، 11؛ 1پېت. 1‏:24

16ئۇنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۇ يوق بولىدۇ، ئەسلىي ماكانىمۇ ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ.

17‏-18 لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر. ◘ 103:17‏-18 قان. 7‏:9

19پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛

20ئى سۆزىگە قۇلاق سالغۇچى، كالامىنى ئىجرا قىلغۇچى، قۇدرىتى زور بولغان ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!

21ئى سىلەر، ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى، ئىرادىسىنى ئادا قىلغۇچى خىزمەتكارلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ◘ 103:21 يار. 32‏:1؛ 1پاد. 22‏:19؛ ئ‍ەف. 3‏:10؛ كول. 1‏:16

22ئى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىغانلىرى، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بارلىق جايلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ئى مېنىڭ جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
div>