1ھەمدۇسانا!
2پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قىلغانلىرىنى كىم سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟
3بەختلىكتۇر ئادالەتنى تۇتقان،
4خەلقىڭگە بولغان ھىممىتىڭ بىلەن مېنى ئەسلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
5شۇنىڭ بىلەن، سەن تاللىغانلىرىڭنىڭ بەرىكىتىنى كۆرەي،
6بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز قاتارىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،
7مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي،
8بىراق ئۇ قۇدرىتىمنى نامايان قىلاي دەپ،
9ئۇنىڭ قىزىل دېڭىزغا تەنبىھ بېرىشى بىلەن،
10ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنىڭ قولىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى،
11ياۋلارنى سۇلار باستى،
12شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛
13ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى شۇنچە تېز ئۇنتۇدى،
14بەلكى دالادا ئاچ كۆزلۈككە بالادەك بېرىلدى،
15شۇڭا ئۇ سورىغىنىنى ئۇلارغا بەردى،
16ئۇلار بارگاھتا مۇساغا ھەسەت قىلدى،
17يەر ئېچىلىپ داتاننى يۇتۇۋەتتى،
18ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ئوت يېقىلدى؛
19ئۇلار ھورەب تېغىدا موزاي بۇتنى ياسىدى،
20ئۆزلىرىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى بولغۇچىنىڭ ئورنىغا،
21مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆرسەتكەن نىجاتكارى تەڭرىنى ئۇلار ئۇنتۇدى.
22دەرۋەقە، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقان،
23ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ
24ئۇلار يەنە گۈزەل زېمىننى كەمسىتىپ رەت قىلدى،
25بەلكى چېدىرلىرىدا قاقشاپ يۈرۈپ،
26شۇڭا ئۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ قول كۆتۈرۈپ: ــ
27ئەۋلادلىرىڭلارنىمۇ ئەللەر ئارىسىدا يىقىتىپ تۈگەشتۈرۈپ،
28ئۇلار بائال-پېئور بۇتقا ئۆزىنى ئېتىپ چوقۇنۇپ،
29ئۇلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى،
30فىنىھاس تۇردى-دە، ھۆكۈم يۈرگۈزدى،
31بۇ ئىش فىنىھاسقا* ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى،
32ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنى* مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى،
33چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تېرىكتۈردى،
34ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ،
35بەلكى يات ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ،
36ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى،
37چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى سويۇپ، جىنلارغا قۇربانلىققا بېغىشلىدى. ◘ 106:37 لاۋ. 18:21؛ قان. 12:31؛ 2پاد. 16:3؛ 17:17؛ 21:6؛ 2تار. 28:3؛ 33:6*
38شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىگۇناھ قاننى،
39ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغاندى؛
40شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى،
41ئۇلارنى يات ئەللەرنىڭ قولىغا بەردى،
42دۈشمەنلىرى ئۇلارنى ئەزدى،
43كۆپ قېتىم پەرۋەردىگار* ئۇلارنى قۇتقۇزدى؛
44شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلارنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلىغاندا،
45ھەم ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەسلىدى،
46ئۇ ئۇلارنى سۈرگۈن قىلغانلارنىڭ قەلبىدە رەھىم ئويغاتتى.
47بىزنى قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز!