1داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن! ◼ 108:1 \+bd «داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ....»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر كۆرەلەيدۇكى، بۇ كۈينىڭ ئايەتلىرى 57-كۈيدىكى 7-11-ئايەتلەر، 60-كۈيدىكى 5-12-ئايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتلىرى مۇشۇ كۈيگىمۇ تەۋە، ئەلۋەتتە. \+bd «...سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن!»\+bd* ــ «روھىم» مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدىكى «مېنىڭ شەرىپىم»نىڭ تەرجىمىسى.
2ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
3خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!
4چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. ◘ 108:4 زەب. 36:5؛ 57:10
5ئى خۇدا، شان-شۆھرىتىڭ ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغاي، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
6ئۆز سۆيگەنلىرىڭنىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن.
7خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى تەقسىم قىلىشقا ئۆلچەيمەن.
8گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛ ◼ 108:8 \+bd «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى قوغدىغۇچىدۇر». \+bd «يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا مېنىڭ شاھانە ھاسامدۇر».
9موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!». ◼ 108:9 \+bd «موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇم»\+bd* ــ بەلكىم موئابنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن مەينەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن»\+bd* ــ ئاياغ كىيىمنى مەلۇم يەر ئۈستىگە تاشلاش ئاشۇ يەرگە ئىگە بولغانلىقنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن؛ ياكى بولمىسا، ئېدومنىڭ ئۆز ئىگىسىنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىپ يىغىشتۇرىدىغان قۇلدەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. \+bd «فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»\+bd* ــ داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە فىلىستىيە داۋۇتقا، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇپ، بەختلىك ھاياتقا ئىگە بولغان («2سام.» 1:8نى، شۇنداقا «يار.» 1:12-3نىمي كۆرۈڭ).
10كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
11ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟ ◘ 108:11 زەب. 60:1-3
12بىزنى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەملەشكەيسەن، چۈنكى ئىنساننىڭ ياردىمى بىكاردۇر!
13خۇدا ئارقىلىق بىز چوقۇم باتۇرلۇق كۆرسىتىمىز؛ بىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى چەيلىگۈچى دەل ئۇ ئۆزىدۇر!