زەبۇر 119:1-175 UIGB2010 - Bible AI

1|א| (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار،

2ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار،

3ھېچبىر ھەقسىزلىقنى قىلمىغانلار بەختلىكتۇر!

4كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن،

5ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي!

6شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىڭنى ئەتىۋارلىسام،

7سېنىڭ ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگىنىپ،

8مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى چوقۇم تۇتىمەن؛

9|ב| (بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟

10پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەن سېنى ئىزدىدىم؛

11گۇناھ قىلىپ ساڭا قارشى چىقماسلىقىم ئۈچۈن،

12مۇبارەكدۇرسەن پەرۋەردىگار،

13لەۋلىرىم بىلەن مەن بايان قىلىمەن،

14تۈرلۈك بايلىقلاردىن شادلانغاندەك،

15مەن كۆرسەتمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛

16بەلگىلىمىلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن؛

17|ג| (گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن،

18تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن،

19مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىرمەن؛

20ھۆكۈملىرىڭگە ھەرقاچان ئىنتىزار بولۇپ،

21سەن لەنەتكە بۇيرۇلغان تەكەببۇرلارغا تەنبىھ بېرىسەن،

22مەندىن ئاھانەت ھەم مەسخىرىنى يىراققا كەتكۈزگەيسەن؛

23ئەمىرلەر ئولتۇرۇپ يامان گېپىمنى قىلىشماقتا؛

24سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىم،

25|ד| (دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛

26ئۆز يوللىرىمنى ئالدىڭدا ئوچۇق بايان قىلدىم،

27مېنى كۆرسەتمىلىرىڭنىڭ يولىنى چۈشىنىدىغان قىلغايسەن،

28جېنىم قايغۇ بىلەن ئېرىپ كېتىدۇ؛

29مەندىن ئالدامچى يولنى نېرى قىلغايسەن؛

30مەن ھەقىقەت-ساداقەت يولىنى تاللىۋالدىم؛

31ئاگاھ-گۇۋاھلىرىڭنى چىڭ تۇتىمەن؛

32سەن مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ-ئازادە قىلىشىڭ بىلەن،

33|ה| (خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛

34مېنى يورۇتقايسەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتىمەن،

35مېنى ئەمرلىرىڭنىڭ يولىدا ماڭىدىغان قىلغايسەن؛

36مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس،

37كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛

38سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛

39مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛

40مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛

41|ו|: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛

42شۇندا مەندە مېنى مەسخىرە قىلغۇچىغا بەرگۈدەك جاۋاب بولىدۇ؛

43ۋە ئاغزىمدىن ھەقىقەتنىڭ سۆزىنى ئېلىپ تاشلىمىغايسەن؛

44شۇندا مەن سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھەر قاچان تۇتىمەن،

45شۇندا مەن ئازادىلىكتە ماڭىمەن؛

46شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن،

47ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن،

48مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن،

49|ז| (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى،

50ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛

51تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن،

52قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار،

53تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن،

54مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا،

55كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم،

56مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم،

57|ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

58مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛

59مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم،

60مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم،

61رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن،

62ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن،

63مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ،

64جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛

65|ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار،

66ماڭا ئوبدان پەرق ئېتىشنى ۋە بىلىمنى ئۆگەتكەيسەن؛

67مەن ئازابقا ئۇچراشتىن بۇرۇن يولدىن ئازغان،

68سەن مېھرىباندۇرسەن، مېھرىبانلىق قىلىسەن،

69تەكەببۇرلار ماڭا قارا چاپلاشتى؛

70ئۇلارنىڭ قەلبى تۇيماس بولۇپ كەتتى؛

71ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى،

72مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم،

73|י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛

74سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛

75ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى،

76ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە،

77مېنىڭ ياشىشىم ئۈچۈن،

78تەكەببۇرلار خىجالەتتە قالسۇن؛

79سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كەلسۇن؛

80كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛

81|כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛

82كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى،

83چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم،

84قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟

85تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛

86سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛

87ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛

88ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن،

89|ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار،

90سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛

91سېنىڭ ھۆكۈم-قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛

92سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا،

93مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛

94مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛

95رەزىللەر مېنى ھالاك قىلىشنى كۈتمەكتە؛

96مەن ھەممە مۇكەممەللىكنىڭ چېكى بار دەپ بىلىپ يەتتىم؛

97|מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر!

98ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا،

99بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كۆپ يورۇتۇلغانمەن،

100مەن قېرىلاردىن كۆپرەك چۈشىنىمەن،

101سۆز-كالامىڭغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن،

102ھۆكۈملىرىڭدىن ھېچ چىقمىدىم؛

103سۆزلىرىڭ تىلىمغا شۇنچە شېرىن تېتىيدۇ!

104كۆرسەتمىلىرىڭدىن مەن يورۇتۇلدۇم؛

105|נ| (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ،

106قەسەم ئىچتىم، ئەمەل قىلىمەنكى،

107زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكتىم، ئى پەرۋەردىگار؛

108قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى،

109جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن،

110رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛

111ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛

112مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا*،

113|ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛

114سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛

115مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن،

116ياشىشىم ئۈچۈن،

117مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛

118بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛

119سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛

120ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛

121|ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛

122ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛

123كۆزۈم نىجاتلىقىڭغا تەشنا بولۇپ،

124ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قۇلۇڭغا مۇئامىلە قىلغايسەن؛

125مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن؛

126پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى!

127شۇ سەۋەبتىن ئەمرلىرىڭنى ئالتۇندىن ئارتۇق سۆيىمەن،

128شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛

129|פ| (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛

130سۆزلىرىڭنىڭ يېشىمى نۇر ئېلىپ كېلىدۇ؛

131ئاغزىمنى ئېچىپ ھاسىراپ كەتتىم،

132نامىڭنى سۆيگەنلەرگە بولغان ئادىتىڭ بويىچە،

133قەدەملىرىمنى سۆزۈڭ بىلەن توغرىلىغايسەن؛

134مېنى ئىنساننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن،

135جامالىڭنىڭ نۇرىنى قۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە چاچتۇرغايسەن؛

136كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ،

137|צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛

138سەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى ھەققانىيلىقتا بۇيرۇغان؛

139ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى يوقىتىدۇ،

140سۆزۈڭ تولۇق سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛

141مەن تېرىقتەكتۇرمەن، كەمسىتىلگەنمەن،

142سېنىڭ ھەققانىيىتىڭ ئەبەدىي بىر ھەققانىيەتتۇر،

143پېشكەللىك ۋە ئازاب ماڭا چىرمىشىۋالدى؛

144سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛

145|ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛

146مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛

147مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛

148ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن،

149ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛

150قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى،

151ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛

152ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى،

153|ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛

154مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛

155نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛

156رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛

157ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛

158مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم،

159سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛

160سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛

161|ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛

162بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك،

163ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛

164ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن،

165تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛

166مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار،

167جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ،

168بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ،

169|ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛

170يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛

171ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن،

172تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ،

173قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛

174مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛

175جېنىم ياشىغاي، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ،

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>