زەبۇر 12:1-8 UIGB2010 - Bible AI

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ قۇتقۇزغايسەن، پەرۋەردىگار، چۈنكى ئىخلاسمەن ئادەم تۈگەپ كەتتى؛ ئادەملەر ئارىسىدىن سادىق مۆمىنلەر غايىپ بولدى. ◼ 12:1 \+bd «شېمىنىت بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ...»\+bd* ــ «شېمىنىت» بەلكىم، «سەككىز تارلىق ساز» ياكى «سەككىز نوتىلىق كۈي» دېگەن مەنىدە.

2ھەربىرسى ئۆز يېقىنلىرىغا يالغان ئېيتىدۇ؛ خۇشامەتچى لەۋلەردە، ئالىكۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلىشىدۇ.

3پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!

4ئۇلار: «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز؛ لەۋلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدۇر؛ كىم بىزگە رەب بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ.

5«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن». ◼ 12:5 \+bd «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى «تۈفى!» دەپ مازاق قىلغۇچىلاردىن ئازاد قىلىمەن»

6پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى بولسا ساپ سۆزلەردۇر؛ ئۇلار يەتتە قېتىم ساپلاشتۇرۇلغان، ساپال قازاندا تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر. ◘ 12:6 2سام. 22‏:31؛ زەب. 18‏:30؛ 19‏:8؛ 119‏:140؛ پەند. 30‏:5

7سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن؛ سەن مۆمىنلەرنى مۇشۇ دەۋردىن مەڭگۈگە قوغدايسەن؛ ◼ 12:7 \+bd «سەن پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن»\+bd* ــ «ئۇلار» 5-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئېزىلگەنلەر» ۋە «مىسكىنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.

8چۈنكى رەزىل ئادەملەر ھەرياندا غادىيىپ يۈرۈشىدۇ، پەسكەشلىك ئىنسان بالىلىرى ئارىسىدا ئالىيجانابلىق دەپ ماختالماقتا!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
v>