زەبۇر 121:1-8 UIGB2010 - Bible AI

1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟

2مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر.

3ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ!

4مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ!

5پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛ پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر.

6قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛

7پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛

8پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>