زەبۇر 123:1-4 UIGB2010 - Bible AI

1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن، ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ ◼ 123:1 \+bd «ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ساڭا كۆزلىرىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن». ◘ 123:1 زەب. 115‏:3

2مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا، بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ. تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ.

3بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز.

4جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى، ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>