1پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇ مېھرىباندۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
2ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◼ 136:2 \+bd «ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار»\+bd* ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
3رەبلەرنىڭ رەببىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
4زور كارامەتلەرنى بىردىنبىر يۈرگۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
5ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئاسمانلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:5 يار. 1:1
6زېمىننى سۇلار ئۈستىدە سوزۇپ تۇرغۇزغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:6 زەب. 24:1-2
7ئۇلۇغ نۇر جىسىملىرىنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:7 يار. 1:14
8كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:8 يار. 1:16
9كېچىنى باشقۇرىدىغان ئاي ھەم يۇلتۇزلارنى ياسىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
10ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنى ئۇرۇپ، مىسىرغا زەرب بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:10 مىس. 12:29؛ زەب. 78:43،51
11ئىسرائىلنى ئۇلار ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:11 مىس. 12:31،51؛ 13:3،17
12كۈچلۈك قول ھەم ئۇزاتقان بىلەك بىلەن ئۇلارنى چىقارغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:12 مىس. 6:6
13قىزىل دېڭىزنى بۆلەك-بۆلەك بۆلگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:13 مىس. 14:21،22؛ زەب. 78:13
14ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
15قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:15 مىس. 14:24
16ئۆز خەلقىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:16 مىس. 15،16،17،19؛ زەب. 78:52
17بۈيۈك پادىشاھلارنى ئۇرۇۋەتكۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:17 چۆل. 21:24،25،34،35؛ يە. 12:1؛ زەب. 135:10،11
18ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
19جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
20ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:20 قان. 3:1-7
21ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◘ 136:21 يە. 12:6
22بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
23ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
24بىزنى ئەزگەنلەردىن قۇتۇلدۇرغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛ ◼ 136:24 \+bd «قۇتۇلدۇرغۇچى»\+bd* ــ ىبرانىي تىلىدا: «يىرتىپ چىققۇچى». ◘ 136:24 لام. 8:5
25بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە ئوزۇق بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
26ئەرشلەردىكى تەڭرىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!