1بابىلدىكى دەريا-ئېرىقلار بويىدا بىز ئولتۇردۇق؛ زىئوننى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرھەق يىغا كۆتۈردۇق؛
2چىلتارىمىزنى ئارىسىدىكى سۆگەتلەرگە ئېسىپ قويدۇق.
3چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار بىزدىن ناخشا تەلەپ قىلدى؛ بىزنى زارلاتقۇچىلار بىزدىن تاماشا تەلەپ قىلىپ: ــ «ھەي، زىئون ناخشىلىرىدىن بىرنى بىزگە ئېيتقىنا» ــ دېيىشتى. ◘ 137:3 زەب. 79:1
4ياقا يۇرتتا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى قانداقمۇ ئېيتايلى؟
5ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى ئۇنتۇسام، ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن! ◼ 137:5 \+bd «ئوڭ قولۇم ماھارىتىنى ئۇنتۇسۇن!»\+bd* ــ ياكى «ئوڭ قولۇمنى ئۇنتۇغان بولسام!».
6سېنى ئەسلىمىسەم، ــ يېرۇسالېمنى ئەڭ چوڭ خۇرسەنلىكىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم ــ تىلىم تاڭلايىمغا چاپلىشىپ قالسۇن!
7ئى پەرۋەردىگار، ئېدوم بالىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا، يېرۇسالېمنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈنىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار: «ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار، ئۇلىغىچە يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار!» دېيىشتى. ◘ 137:7 يەر. 49:7؛ ئەز. 25:12
8ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر! ◘ 137:8 يەر. 50:15،29؛ ۋەھ. 18:6
9بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ تاشقا ئاتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!