زەبۇر 138:1-8 UIGB2010 - Bible AI

1داۋۇت يازغان كۈي: ــ پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن. ◼ 138:1 \+bd «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن»\+bd* ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

2پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن. ◼ 138:2 \+bd «چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

3ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.

4ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛

5ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى.

6چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ. ◘ 138:6 زەب. 113‏:4-7

7زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ، سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن، ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.

8پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛ ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>