زەبۇر 147:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1ھەمدۇسانا! ياھنى مەدھىيىلەڭلار! بەرھەق، بۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار! مەدھىيە ئوقۇش ئىنسانغا يارىشىدۇ. ◘ 147:1 زەب. 33‏:1؛ 92‏:2؛ 135‏:3

2پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ؛ ◼ 147:2 \+bd «پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، مۇشۇ كۈي ئىسرائىل بابىلغا سۈرگۈن بولغانلىقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزىلغان.

3ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ. ◘ 147:3 مىس. 15‏:26؛ ئايۇپ 5‏:18

4ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ. ◼ 147:4 \+bd «ئۇ... ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ... ئۇلارنى (يۇلتۇزلارنى) ئىسمىلىرىنى چاقىرىپ ئوپۇققا چىقىرىدۇ». ◘ 147:4 يەش. 40‏:26

5ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر.

6پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ.

7پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار!

8ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛ ◘ 147:8 ئايۇپ 38‏:26، 27؛ زەب. 104‏:13-14؛ ھوش. 2‏:23، 24

9ماللارغا ئوزۇق، تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛

10ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛

11پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.

12پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون.

13چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى.

14ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ.

15ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ. ◘ 147:15 زەب. 33‏:9

16ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ.

17ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟

18ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ.

19ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ياقۇپقا، بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛

20ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. ھەمدۇسانا! ◘ 147:20 روس. 14‏:16

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
div>