زەبۇر 148:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛ يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ ◘ 148:1 لۇقا 2‏:14؛ ۋەھ. 5‏:13

2ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى!

3ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛

4ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى، ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار!

5بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىگەي؛ چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛ ◘ 148:5 يار. 1‏:6-31؛ زەب. 33‏:6، 9

6ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان. ◘ 148:6 ئايۇپ 14‏:5،13؛ 26‏:10؛ 38‏:33؛ زەب. 104‏:5؛ 119‏:91؛ يەر. 31‏:35؛ 33‏:25

7پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار، دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛

8ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛

9تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر، مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى،

10ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛

11جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛

12ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار، بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ

13ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىگەي؛ چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛ ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ◘ 148:13 پەند. 18‏:10؛ يەش. 12‏:4

14ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛ ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى، ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر! ھەمدۇسانا! ◼ 148:14 \+bd «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...»\+bd* ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ. ◘ 148:14 زەب. 132‏:17

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
div>