زەبۇر 17:1-15 UIGB2010 - Bible AI

1داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ــ ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس.

2ھۇزۇرۇڭدىن ھۆكۈمۈم چىقىرىلغاي! كۆزۈڭ نېمە دۇرۇس ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەي!

3سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ تەكشۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم.

4ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم.

5مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن.

6مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن.

7ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن! ◼ 17:7 \+bd «ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن!»\+bd* ــ «ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ» ئەسلىدە كۆپلۈك شەكلىدە «ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭلار».

8مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛

9مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛

10ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تەكەببۇرلارچە سۆزلەيدۇ؛ ◼ 17:10 \+bd «ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن...»\+bd* ــ بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن تەكەببۇرلۇقى، باشقىلارغا ھېچ كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

11ئۇلار يولىمىزنى تورىۋېلىپ، بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ، ◼ 17:11 \+bd «بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ،...»\+bd* ــ ياكى «مېنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ،...».

12ئولجىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن شىردەك، يوشۇرۇن جايلاردا ماراپ يۈرىدىغان ياش شىردەكتۇر.

13ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن، جېنىمنى رەزىل ئادەمدىن قۇتقۇزغىن، قىلىچىڭ بىلەن؛

14مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ.

15مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن! ◼ 17:15 \+bd «...ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن!»\+bd* ــ «ئويغانغىنىمدا» ئۆلۈمدىن ئويغىنىپ، تىرىلگەندە، دېمەك.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>