زەبۇر 18:1-49 UIGB2010 - Bible AI

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى: ــ

2پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تاشلىق تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر!

3مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن،

4ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى،

5تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى،

6قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم،

7شۇ چاغ يەر-زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى،

8ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى،

9ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى،

10بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى،

11ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى،

12ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن،

13پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛

14بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، دۈشمەنلىرىمنى* تارقىتىۋەتتى؛

15شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى،

16ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛

17ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن،

18كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛

19ئۇ مېنى كەڭرى-ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛

20پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛

21چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛

22چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛

23مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم،

24شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ،

25ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛

26ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛

27چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛

28چىرىغىمنى جۇلالىق قىلغان سەندۇرسەن؛

29چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن* قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛

30تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛

31چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟

32يەنى بېلىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئورىغۇچى تەڭرى،

33ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك ئۇچقۇر* قىلىدۇ،

34قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ،

35سەن ماڭا نىجاتلىقىڭ بولغان قالقاننى ئاتا قىلدىڭ،

36سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ،

37مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يەتتىم؛

38قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم،

39سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛

40دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ،

41ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛

42مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛

43سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛

44سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛

45يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛

46پەرۋەردىگار ھاياتتۇر!

47ئۇ، مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى،

48ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزغان؛

49شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>