1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
2خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛
3بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى،
4ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان،
5ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛
6بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن،
7مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ،
8«ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟!
9بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛
10تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛
11مەندىن يىراقلاشما؛
12نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛
13ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك،
14مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم،
15قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى،
16غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى،
17سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن،
18ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ،
19بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما!
20جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن،
21مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛
22مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛
23پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!
24چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس،
25چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر،
26ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛
27زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛
28چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛
29جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛
30كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛