1داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛ ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ؛ ◘ 24:1 مىس. 19:5؛ قان. 10:14؛ ئايۇپ 41:3؛ زەب. 50:12؛ 1مات. 3-1:21؛ كور. 10:26،28
2چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر.
3پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟ ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ ◘ 24:3 زەب. 15:1؛ يەش. 33:14،15
4ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ، قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان، يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. ◼ 24:4 \+bd «قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان»\+bd* ــ «قۇرۇق نەرسىلەر» بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
5بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى، ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ◼ 24:5 \+bd «... تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرىدۇ»\+bd* ــ بۇ ئىككى پېئىل ئىبرانىي تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
6بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر، يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى! سېلاھ! ◼ 24:6 \+bd «...يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!»\+bd* ــ سۆزمۇسۆز ئىبرانىي تىلىدا: «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپ!». بۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا «ياقۇپ» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر بولغان ياقۇپتىن ئىبارەتتۇر».
7ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! ◼ 24:7 \+bd «ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!»\+bd* ــ قەدىمكى زامانلاردا قوۋۇقلار ئېچىلغاندا يۇقىرىدىن كۆتۈرۈلەتتى.
8شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر! پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! ◘ 24:8 مات. 10:21
9ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
10شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر! سېلاھ! ◘ 24:10 مات. 10:21