زەبۇر 27:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟ ◘ 27:1 يەش. 10‏:17؛ 60‏:19،20؛ مىك. 7‏:8؛ لۇقا 1‏:79؛ يـۇھ. 1‏:4؛ 8‏:12؛ ۋەھ. 21‏:23

2يامانلىق قىلغۇچىلار «ئۇنىڭ ئەتلىرىنى يەيلى» دەپ ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم ماڭا يېقىنلاشقاندا، پۇتلىشىپ، يىقىلدى ئۇلار.

3زور قوشۇن بارگاھ قۇرۇپ مېنى قورشاۋغا ئالسىمۇ، قەلبىمدە ھېچ قورقۇنچ يوق؛ ماڭا ئۇرۇش قوزغىسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم تۇرۇۋېرىمەن.

4پەرۋەردىگاردىن بىرلا نەرسىنى تىلەپ كەلدىم؛ مەن شۇنىڭغا ئىنتىلىمەكتىمەنكى: ــ ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ يۈرسەم، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام، دەيمەن. ◼ 27:4 \+bd «...ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە بولسام، ... ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولسام»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا «خۇدانىڭ ئۆيى»، يەنى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» تېخى سېلىنمىغانىدى (ئوغلى سۇلايمان كېيىن ياسىدى). ئىبادەتخانا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ياسالغان «مۇقەددەس چېدىر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» دېگىنى بەلكىم روھىي جەھەتتىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆز ھۇزۇر-دەرگاھىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.

5بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا ئالىدۇ؛ مېنى چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئامان ساقلاپ يوشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ مېنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزىدۇ.

6شۇڭا ھازىر ئەتراپىمدىكى دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بېشىم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ مۇقەددەس چېدىرىدا تەنتەنە قىلىپ قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ ناخشا-كۈيلەر ئېيتىمەن، مۇناجاتلارنى ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا!

7نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىجابەت قىلغايسەن.

8ئۆز كۆڭلۈم: «ئۇنىڭ دىدارىنى ئىزدەڭلار!» دەيدۇ؛ دىدارىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈم ئىزدەيمەن.

9مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن! غەزەپلەنگەندە قۇلۇڭنى نېرى قوغلىمىغايسەن؛ سەن مېنىڭدىن ياردىمىڭنى ئايىماي كەلدىڭ؛ سەن مەندىن ئايرىلمىغايسەن، مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن، ئى نىجاتكارىم خۇدا! ◼ 27:9 \+bd «مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن!»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن!».

10ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ، پەرۋەردىگار مېنى قۇچىقىغا ئالىدۇ. ◼ 27:10 \+bd «ئاتا-ئانام مېنى تاشلىۋەتسىمۇ،...»\+bd* ــ داۋۇت سائۇل پادىشاھ تەرىپىدىن قوغلانغان. سائۇل ئۇنى «جىنايەتچى» دەپ ھېسابلىغان چاغلىرىدا، داۋۇت ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن بىر مەزگىل چەتكە قېقىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. تەۋرات «1سام.» 21-، 22-بابنى كۆرۈڭ.

11ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ كۈشەندىلىرىم پايلاپ يۈرمەكتە، مېنى تۈز يولغا باشلىغايسەن. ◘ 27:11 زەب. 25‏:4-5، 9، 12؛ 86‏:11؛ زەب. 119

12مېنى رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە تاپشۇرمىغايسەن، چۈنكى ماڭا قارا چاپلاشماقچى بولغان يالغانچىلار خېلى كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ نەپەسلىرىمۇ زوراۋانلىقتۇر.

13ئاھ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا كۆرۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن بولسا...!

14پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە بولسۇن! شۇنداق قىل، پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكىن! ◘ 27:14 يەش. 25‏:9؛ 33‏:2؛ ھاب. 2‏:3

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>