زەبۇر 3:1-8 UIGB2010 - Bible AI

1داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! ◼ 3:1 \+bd «داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...»\+bd* ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن. ◘ 3:1 2سام. 15،16،17،18

2نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. سېلاھ! ◼ 3:2 \+bd «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!»\+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. \+bd «سېلاھ»\+bd* ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.

3بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! ◼ 3:3 \+bd «شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!»\+bd* ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

4ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ.

5مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. ◘ 3:5 زەب. 4‏:8

6مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! ◘ 3:6 زەب. 27‏:3

7ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن!

8نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ! ◘ 3:8 پەند. 21‏:31؛ يەش. 43‏:11؛ يەر. 3‏:23؛ ھوش. 13‏:4؛ ۋەھ. 7‏:10؛ 19‏:1

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
>