1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
2ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى تېزرەك قۇتقۇزۇۋالغايسەن؛
3چۈنكى سەن مېنىڭ ئۇيۇلتېشىم، مېنىڭ قورغىنىمدۇرسەن؛
4ماڭا يوشۇرۇن سېلىنغان تۇزاقتىن قەدەملىرىمنى تارتقايسەن؛
5مەن روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛
6يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغانلاردىن يىرگىنىپ كەلدىم؛
7ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛
8مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ،
9ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن،
10ھاياتىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن،
11مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە قالدىم،
12ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛
13چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم،
14بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
15مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛
16قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛
17ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛
18يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن!
19ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ،
20سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛
21پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن!
22چۈنكى مەن دەككە-دۈككىدە ھودۇقۇپ: ــ
23پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى!