1ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار!
2راۋاب بىلەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار؛
3ئۇنىڭغا ئاتاپ يېڭى بىر مۇناجات-ناخشىنى ئېيتىڭلار؛
4چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر؛
5ئۇ ھەققانىيەت ھەم ئادالەتنى ياخشى كۆرگۈچىدۇر؛
6پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلار يارىتىلغان،
7ئۇ دېڭىزدىكى سۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ دۆۋىلەيدۇ؛
8پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسۇن؛
9چۈنكى ئۇنىڭ بىر سۆزى بىلەنلا ئىش پۈتتۈرۈلگەنىدى؛
10پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسۇۋېتىدۇ؛
11پەرۋەردىگارنىڭ نەسىھەتى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛
12«پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر» دەيدىغان قوۋم بەختلىكتۇر!
13پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ،
14تۇرالغۇسىدىن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارايدۇ؛
15ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قەلبلىرىنى ياسىغۇچىدۇر؛
16پادىشاھ بولسا قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غالىب بولالمايدۇ؛
17تۇلپارغا تايىنىپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتقۇزۇلۇش بىھۇدىلىكتۇر،
18-19 مانا، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،
20بىزنىڭ جېنىمىز پەرۋەردىگارغا تەلمۈرىدۇ؛
21شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز شادلىنىپ كېتىدۇ؛