1داۋۇت يازغان كۈي: ــ
2قولۇڭغا سىپار ۋە قالقان ئالغىن؛
3نەيزىنى سۇغۇرۇپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسقايسەن؛
4مېنىڭ ھاياتىمغا چاڭ سالماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛
5ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛
6ئۇلارنىڭ يولى قاراڭغۇ ۋە تېيىلغاق بولغاي،
7چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورۇنسىز ئورا-تۇزاق تەييارلىدى؛
8ھالاكەت تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەي،
9ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ،
10مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم: ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ،
11ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ،
12ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ،
13لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا،
14مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم،
15بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە،
16خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك،
17ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟
18زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
19يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛
20ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ،
21ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ:
22ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭ، سۈكۈت قىلمىغايسەن؛
23قوزغالغايسەن،
24مېنىڭ ئىشىم ئۈستىدە ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم؛
25ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛
26مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇشال بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ شەرمەندە بولغاي؛
27مېنىڭ ھەققانىيلىقىمدىن سۆيۈنگەنلەر تەنتەنە قىلىپ شادلانسۇن!