زەبۇر 39:1-13 UIGB2010 - Bible AI

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ، يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛ رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم. ◼ 39:1 \+bd «يەدۇتۇن»\+bd* ــ داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ يېتەكچىسىگە تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ...».

2مەن سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم؛ بىراق دىل ئازابىم تېخىمۇ قوزغالدى. ◼ 39:2 \+bd «ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەرقانداق پايدىسىز سۆزدىن قالدىم».

3كۆڭلۈمدە زەردەم قاينىدى، ئويلانغانسېرى ئوت بولۇپ ياندى؛ ئاندىن تىلىم ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى.

4ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى، كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛ ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن.

5مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر. بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ. ◘ 39:5 زەب. 62‏:9-10؛ 144‏:4

6بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

7ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟ مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر.

8مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن.

9سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛ چۈنكى مانا، مۇشۇ جازانى ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن.

10ماڭا سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم.

11سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ.

12ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس! ◘ 39:12 لاۋ. 25‏:23؛ 1تار. 29‏:15؛ زەب. 119‏:19؛ ئىبر. 11‏:13؛ 1پېت. 2‏:11

13ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى، مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە، مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>