1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ
2سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا* ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ،
3بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق،
4سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا،
5سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛
6چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن،
7چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ،
8خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛
9بىراق سەن ھازىر* بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛
10سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛
11سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ،
12سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ،
13سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛
14سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن،
15-16 مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن،
17مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛
18قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق،
19بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ،
20ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق،
21خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ،
22بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛
23ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟
24نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟
25قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛