زەبۇر 46:1-11 UIGB2010 - Bible AI

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر. ◼ 46:1 \+bd «پاك قىزلار ئۈچۈن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالاموت» دېيىلىدۇ. باشقا بىرخىل مەنىسى: «ئاياللارنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق كۈيى ئۈچۈن يېزىلغان» دېگەن بولۇشى مۇمكىن.

2‏-3 شۇڭا يەر-زېمىن ئۆڭتۈرۈلۈپ، تاغلار گۈمۈرۈلۈپ دېڭىز تەگلىرىگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ دولقۇنلىرى شاۋقۇنلىنىپ قاينام بولسىمۇ، ئۆركەشلىرى بىلەن تاغلار سىلكىنىپ كەتسىمۇ، قورقمايمىز. سېلاھ.

4خۇدانىڭ شەھىرىنى ــ يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ماكانلاشقان مۇقەددەس جاينى، خۇرسەن قىلىدىغان ئېقىنلىرى شاخلىغان بىر دەريا باردۇر.

5خۇدا ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر؛ ئۇ يەر ھەرگىز تەۋرىمەيدۇ؛ خۇدا تاڭ ئېتىش بىلەنلا ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىدۇ.

6بارلىق ئەللەر قايناپ، پادىشاھلىقلار تىترەپ كەتتى؛ ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتكەن ھامان، يەر ئېرىپ كېتىدۇ.

7ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛ ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! سېلاھ!

8كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار! ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار! ◼ 46:8 \+bd «... ئۇ (پەرۋەردىگار) يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار»\+bd* ــ پەرۋەردىگارنىڭ «ۋەيرانچىلىق»لىرىنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي نەتىجىسى بار ــ 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.

9ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ؛ ئۇ ئوقيالارنى سۇندۇرىدۇ، نەيزىلەرنى ئوشتۇۋېتىدۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

10ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» ــ دەيدۇ.

11ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىزنىڭ ئېگىز قورغىنىمىزدۇر!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>