زەبۇر 48:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا، ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر!

2ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر، بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر! ◼ 48:2 \+bd «شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر»\+bd* ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «زافون تېغى چوققىلىرىدەك گۈزەلدۇر». كونا بۇتپەرەسلىك رىۋايەتلىرى بويىچە، «زافون تېغى» دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ جاي ئىدى. مۇمكىنچىلىكى باركى، كۈي مۇئەللىپى مۇشۇ يەردە زىئوننى ئۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ. ◘ 48:2 مات. 5‏:35

3خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ، بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛

4مانا، پادىشاھلار يىغىلدى، ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى.

5شەھەرنى كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى.

6ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى، تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛

7سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ. ◼ 48:7 \+bd «تارشىشتىكى كېمىلەر»\+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم بىر بېشارەتتۇر. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلار جەم بولۇپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماقچى. ئۇلارغا تارشىشتىكى كېمىلەرمۇ (كونا زامانلاردا ئەڭ كۈچلۈك كېمىلەر) ياردەم بېرىدۇ. بىراق خۇدا ئۆز شەھىرىنى قوغداپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.

8قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛ خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. سېلاھ.

9بىز سېنىڭ ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق.

10نامىڭغا لايىقتۇر، جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان.

11سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن، زىئون تېغى شادلانغاي! يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي! ◼ 48:11 \+bd «يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!»\+bd* ــ «يەھۇدا قىزلىرى» بۇ يەردە يەھۇدانىڭ شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

12زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛

13كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار، قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار.

14چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛ ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>