1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ كۈي* ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ
2مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇيىۋەتكەيسەن،
3چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛
4سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ،
5مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم،
6بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛
7مېنى گۇناھلىرىمدىن* زوفا بىلەن تازىلىغايسەن،
8ماڭا شاد-خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛
9گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ،
10مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛
11مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛
12ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛
13بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي،
14قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن،
15ئى رەببىم، لەۋلىرىمنى ئاچقايسەن،
16چۈنكى سەن قۇربانلىقنى خۇش كۆرمەيسەن؛
17خۇدا قوبۇل قىلىدىغان قۇربانلىقلار سۇنۇق بىر روھتۇر؛
18شاپائىتىڭ بىلەن زىئونغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن؛