1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ
2مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛
3مەن قورققان كۈنۈمدە،
4مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا،
5ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ،
6ئۇلار توپ-توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛
7گۇناھ* بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟
8مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛
9شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە،
10خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن!
11خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ
12ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛