1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ
2خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا،
3ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛
4جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛
5ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن،
6ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛
7ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛
8ئويغان، ئى روھىم!
9مەن قوۋملار ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛
10چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛