1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
2ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛
3مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛
4يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن،
5چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛
6مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛
7دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛
8ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛
9پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛