زەبۇر 61:1-8 UIGB2010 - Bible AI

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن!

2يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! ◼ 61:2 \+bd «مەندىن يۇقىرى قورام تاش»\+bd* ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «مەندىن يۇقىرى» دېگەن ئىبارە بەلكىم داۋۇتنىڭ گەرچە پادىشاھ بولسىمۇ، «ئۆزۈمنى ناھايىتى ئۈستۈن، قابىلەتلىك ئادەم ھېسابلىمايمەن، ھەردائىم خۇدادىن يول سورىشىم كېرەك» دېگەندەك، ھەممىمىزنى كىچىك پېئىللىق بولۇشقا، ئۈندەيدۇ.

3چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن.

4مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ.

5چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن. ◼ 61:5 \+bd «ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراس...»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «نامىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراس...».

6پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ. ◼ 61:6 \+bd «پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»\+bd* ــ داۋۇت ئۆزى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈرگەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ يەردە ئۆز ئەۋلادى بولىدىغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ.

7ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛

8شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن!

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
v>