1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
2تۇرغۇدەك جاي يوق چوڭقۇر پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتتىم؛
3پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛
4سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛
5ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛
6مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئى رەب، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،
7چۈنكى سېنى دەپ مەن رەسۋاچىلىققا ئۇچرىدىم؛
8مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يات،
9چۈنكى مېنى مۇقەددەس* ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى؛
10مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى،
11مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم،
12شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم،
13بىراق مەن شەپقىتىڭنى كۆرسەتكەن ۋاقتىڭدا دۇئايىمنى ساڭا نىشانلىدىم، ئى پەرۋەردىگار؛
14مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن،
15كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛
16دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار،
17جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛
18جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن،
19ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى،
20ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛
21بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۈيى،
22ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق،
23كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛
24قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن،
25ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي،
26چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛
27ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن،
28ئۇلار ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈلگەي؛
29بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛
30مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛
31بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن،
32ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛
33چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ،
34ئاسمان-زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن!
35چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛