زەبۇر 7:1-17 UIGB2010 - Bible AI

1‏-2 داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى: ــ كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان كۈيى: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، مەن ساڭا تاياندىم؛ ئۇلاردىن بىرى شىردەك مېنى تىتما-تىتما قىلىۋەتمىسۇن، قۇتقۇزغۇچى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ مېنى ئېزىۋەتمىسۇن، مېنى بارلىق قوغلىغۇچىلاردىن قۇتقۇزغىن، ئۇلاردىن خالاس قىلغىن؛ ◼ 7:1‏-2 \+bd «داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى»\+bd* ــ «شىگگائون» بەلكىم «دولقۇنلۇق»، «ئوتلۇق»، «ئاشىقلىق بىلەن» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ سۆز كۈينىڭ ئېيتىلىدىغان ئاھاڭىنى بىلدۈرىدۇ. \+bd «كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى»\+bd* ــ «كۇش» دېگەن كىشى توغرۇلۇق باشقا خەۋىرىمىز يوق. ھېچ بولمىغاندا ئۇ داۋۇتقا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان.

3ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ

4ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ ◼ 7:4 \+bd «... (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ...»\+bd* ــ «باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «...ياكى ماڭا ئازار قىلغۇچىنى بىكاردىن-بىكار بۇلىغان بولسام، ...».

5ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن!

6ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ!

7خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن. ◼ 7:7 \+bd «سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگىن».

8پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن.

9ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! ◼ 7:9 \+bd «ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى»\+bd* ــ «ئىچلىرى» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرى» دېيىلىدۇ. ◘ 7:9 1تار. 28‏:9؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 20‏:12؛ ۋەھ. 2‏:23

10مېنىڭ قالقىنىم بولسا، دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛

11خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛

12بىرسى يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ.

13شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى.

14مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر. ◘ 7:14 ئايۇپ 15‏:35؛ يەش. 59‏:4

15ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا چۈشتى. ◘ 7:15 ئايۇپ 4‏:8؛ زەب. 9‏:15؛ 10‏:2؛ 35‏:7-8؛ 94‏:13؛ 119‏:85؛ پەند. 5‏:22؛ 26‏:27؛ توپ. 10‏:8

16ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ.

17مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
v>