1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
2مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛
3مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!
4بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي!