1سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛
2ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛
3ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛
4خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن،
5چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار،
6بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم،
7مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛
8ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛
9ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛
10چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛
11«خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛
12ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛
13جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛
14بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن،
15ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛
16مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛
17ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛
18ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا،
19ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا،
20سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن،
21سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ،
22مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن،
23ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ،