زەبۇر 74:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ

2ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى،

3قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن،

4رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛

5ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك،

6ئۇلار ھازىر مۇقەددەس جايىڭدىكى* نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛

7ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛

8ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ،

9بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛

10قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟

11سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟

12بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن،

13سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ،

14دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ،

15يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ،

16كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛

17يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛

18شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ

19پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛

20ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن،

21ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛

22ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا،

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>