1نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ مېنى ئاڭلايدۇ. ◼ 77:1 \+bd «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي...»\+bd* ــ «يەدۇتۇن» داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ بېشى دەپ بېكىتكەن، يەدۇتۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلغان، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي...».
3بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى.
4مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ.
5سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭخۇر غەشلىك ئىلكىدە سۆزلىيەلمەيتتىم.
6مەن دەرمەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، خىيال قىلىمەن ئاشۇ يىللارنى ؛
7كېچىللىرى ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەپ؛ خىياللىرىم كۆڭلۈمدىن كېچار»؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛
8ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟
9ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟
10-11 تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ.
12يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن.
13سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛
14ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟
15مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ. ◘ 77:15 مىس. 15:11
16ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ. ◼ 77:16 \+bd «ئۆز بىلىكىڭ بىلەن... ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدىكى پېئىلنىڭ (گائال) مۇشۇ يەردە: «ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھەمجەمەت بولۇپ، ھۆرلۈككە چىقارغانسەن» دېگەن تولۇق مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «گائال» ۋە «گوئېل» توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
17سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى. ◼ 77:17 \+bd «سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى.»\+bd* ــ ئاساف ھازىر «مىسىردىن چىقىش»تىكى ئىشلارنى ئەسلەيدۇ. «سۇلار» بۇ يەردە ئىسرائىللار مۆجىزە بىلەن ئۆتكەن «قىزىل دېڭىز»نى، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 77:17 مىس. 14:21
18قارا بۇلۇتلار ياميۇر تۆكتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى. ◘ 77:18 مىس. 14:24
19گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر-زېمىن ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى.
20سېنىڭ يولۇڭ دېڭىز-ئوكيانلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولماس. ◘ 77:20 زەب. 78:53؛ 80:2؛ ھاب. 3:15؛ مار. 6:48؛ يـۇھ. 6:19