زەبۇر 78:1-72 UIGB2010 - Bible AI

1ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. ◼ 78:1 \+bd «ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار... قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن (2-ئايەت)»\+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بۇ كۈي كۆرسەتكەن ۋەقەلەرنى تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش»، «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»، «باتۇر ھاكىملار» ھەم «سامۇئىل (1)»، «سامئۇىل (2)» دېگەن قىسىملاردىن تاپالايدۇ.

2تەمسىل بىلەن مەن ئاياي ئاغزىمنى، بايان ئەسلەي ئۆتمۈشتىكى تېپىشماقلارنى.◼ 78:2 \+bd «... بايان ئەسلەي ئۆتمۈشتىكى تېپىشماقلارنى»\+bd* ــ «تېپىشماقلار» توغرۇلۇق 1-ئايەتتىكى ئىشاھاتنى كۆرۈڭ. ◘ 78:2 زەب. 49‏:4؛ مات. 13‏:35

3بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن.

4بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز.

5چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ «بالاڭلارغا ئۈگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا؛ ◘ 78:5 قان. 4‏:9؛ 6‏:7

6شۇنداق دەۋر كېلەر، ئەجدادلىرىمىز بولارنى چوخۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماكچى بولغان بالىلارمۇ، ئېۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلارنى ئۈگەتكەي. ئورنىدىنئۆگەتكەي تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ؛

7پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغاي، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىغاي، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرگەي؛

8دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى، جاھىل، ئاسىي بىر زامان كەبى، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغاي، روھى تەڭرىگە ۋاپاسىز بىر دەۋر كەبى، ئۇ شۇنداق بۇيرۇغاندۇر. ◘ 78:8 مىس. 32‏:9؛ 33‏:3، 5؛ 34‏:9؛ قان. 9‏:6، 13؛ 31‏:27

9مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى.

10ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى.

11ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى.

12ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛

13ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەنىدى؛ سۇنى كىيا كەبى تۇرگۇزفانىدى. ◘ 78:13 مىس. 14‏:21

14ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى. ◘ 78:14 مىس. 13‏:21؛ زەب. 105‏:39

15چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتكەنىدى، چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛ ◘ 78:15 مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11؛ زەب. 105‏:41؛ 1كور. 10‏:4

16ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى.

17بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى.

18ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى.

19ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟ ◘ 78:19 چۆل. 11‏:1، 4

20مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى. ◼ 78:20 \+bd «ئۇلار... (يەنى خەلق) مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى»\+bd* ــ بۇ ۋەقە تەۋرات، «چۆل.» 11-بابتا بايان قىلىنغان. ◘ 78:20 مىس. 17‏:6؛ چۆل. 20‏:11

21شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛ ◘ 78:21 چۆل. 11

22چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى،

23ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛

24ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛ ◼ 78:24 \+bd «ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى»\+bd* ــ «ماننا» ئاسماندىن چۈشىدىغان بىرخىل ئاش ئىدى. «مىس.» 16-بابنى كۆرۈڭ. ◘ 78:24 مىس. 16‏:14

25شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى. ◼ 78:25 \+bd «... ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى»\+bd* ــ « «كۈچ ئىگىلىرى» شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 78:25 يـۇھ. 6‏:31؛ 1كور. 10‏:3

26ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛ ◘ 78:26 چۆل. 11‏:31

27ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى.

28ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى.

29ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى خۇدا ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى.

30لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا،

31خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى؛ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرى قىرىلدى، ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرى يەرگە ئۇرۇلدى. ◘ 78:31 چۆل. 11‏:33؛ 1كور. 10‏:5

32قۆرۈپ شۇنچە قۆرگۈلۈق، بىراق توۋا قىلمىدى، قۆرۈپ شۇنچە مۇجىزىلىرىگە، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى؛

33شۇڭا خۇدا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى مەنىسىزلىك ئىچىگە، ھەم ئۆتتى يىللىرىنى دەككە-دۈككىگە.

34ئۇلار ئۆلۈم كەلگەندە باشقا، ئەسكە ئالدى ئۇنى؛ توۋا قىلىپ تەڭرىنى ئىنتىلىپ، ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى؛

35ئەسكە ئالدى ىۇلار «ئۇيۇلتاشتەك ناشپاناهىمىز خۇدا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرى ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بار».

36بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن خۇشامەت قىلدى، تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛

37چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى.

38بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ تەكرار ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى.

39ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى.

40ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى!

41بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى.

42‏-43 ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى ئەسلىمىدى؛ ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى.

44ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛ ◘ 78:44 مىس. 7‏:20

45ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛ ◘ 78:45 مىس. 8‏:2،20

46ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛ ◘ 78:46 مىس. 10‏:13

47ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتۈۋەتتى. ◘ 78:47 مىس. 9‏:23

48ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا كۆيدۈرۈۋەتتى.

49ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرى، نەپرەت ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى چۈشۈردى، كەلدى هەم بىر تۈركۈم پەرىشتىلەر كۆك-ئاسماندىن.

50ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛ ◘ 78:50 مىس. 9‏:6

51ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى. ◘ 78:51 مىس. 12‏:29؛ زەب. 105‏:36

52ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛

53ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرى غەرق بولدى دېڭىزدا.◘ 78:53 مىس. 14‏:27،28؛ 15‏:10

54ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى.

55ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، تانا بىلەن ئۆلچۈپ يەرنى، تەكسىم قىلدى زېمىننى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى. ◘ 78:55 يە. 13‏:7؛ زەب. 136‏:21،22

56بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛

57بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى.

58ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. ◘ 78:58 قان. 32‏:16،21

59خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى.

60ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى، ◼ 78:60 \+bd «ئۇ (رەب) شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى»\+bd* ــ 60-66-ئايەتلەردىكى ۋەقەلەر «1سام.» -1-6بابتا بايان قىلىنغان.

61ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛ ◼ 78:61 \+bd «ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى»\+bd* ــ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ «قۇدرەت بەلگىسى» ۋە «شان-شەرىپى» ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ◘ 78:61 1سام. 4‏:10،11

62ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.

63ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى.

64ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى. ◼ 78:64 \+bd «ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى»\+bd* ــ «كاھىن» ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىش خىزمىتىدە بولغان مەخسۇس خادىم. ◘ 78:64 1سام. 4‏:11،18،19

65ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى.

66ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى. ◼ 78:66 \+bd «ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ...»\+bd* ــ بۇ جۈملە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق. ئىككىنچى مەنىسى «ئۇ رەقىبلىرىنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇپ،..». تەۋرات، «1سام.» 5-بابتا، خۇدا بۇتپەرەس فىلىستىيەلىكلەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى بۇۋاسىرلار بىلەن قىينىدى. ◘ 78:66 1سام. 5‏:6؛ 6‏:4

67يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛ ◼ 78:67 \+bd «رەب... يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى...»\+bd* ــ 67-72-ئايەتلەردە، خۇدانىڭ داۋۇت پەيغەمبەرنى ئۆز خەلقىنىڭ پادىشاھى بولۇشقا، زىئون (يېرۇسالېم)نى ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش جايى بولۇشقا تاللاش جەريانىنى بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى داۋۇت بولسا يۈسۈپ ياكى ئەفرائىم قەبىلىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىدى.

68بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.

69شۇ يەردە مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛

70ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛ ◘ 78:70 1سام. 16‏:11؛ 2سام. 7‏:8

71قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى. ◘ 78:71 2سام. 5‏:2؛ 1تار. 11‏:2

72داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
iv>