1ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ، ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ◼ 82:1 \+bd «خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ (رىياسەتچىلىك قىلىدۇ)، ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»\+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ مەجلىسكە قاتناشقان «ئىلاھلار»نىڭ خۇدانىڭ خەلقىگە سوتچى بولغان ياكى ئۆز خەلقى ئارىسىدا ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بار ئادەملەر ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرۈلىدۇ. مەلۇم جەھەتلەردىن، ئۇلار خۇدادەك ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك. \+bd «ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»\+bd* ــ باشقا شەرھچىلەر بولسا «ئىلاھلار» دېگەننى يەر يۈزىدىكى پادىشاھ-ھوقۇقدارلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇشۇ شەرھچىلەر 6-ئايەتتىكى «سىلەر ئىلاھلار» دېگەننى كىنايىلىك سۆز دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى شۇ دەۋردىكى پادىشاھلاردىن كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى «خۇدا» دەپ قارايتتى، خەلقىدىن ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. لېكىن رەببىمىزنىڭ «يۇھ.» 33:10-36دە ئېيتقان شەرھى بويىچە، بۇ سۆزلەر كىنايىلىك سۆز ئەمەس؛ شۇڭا يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشىمىز توغرا، دەپ قارايمىز.
2ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ.
3گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ ◼ 82:3 \+bd «...يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسى»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئاتىسىزلارنىڭ دەۋاسى».
4مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! ◘ 82:4 پەند. 24:11
5نادان ۋە بىلىمىسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى؛ يۈرمەر ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر زېمىننىڭ ئۇللىرى.
6مەن ئېيتارمەن: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛
7شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر». ◼ 82:7 \+bd «شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر»\+bd* ــ 1-ئايەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بىرىنچى جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئادەمگە (دېمەك، ئادەماتىمىزغا) ئوخشاش ئۆلىسىلەر».
8ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن! ◼ 82:8 \+bd «سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس قىلىسەن»\+bd* ــ بۇ سۆز بەلكىم مەسىھكە ئېيتىلىشى مۇمكىن. ◘ 82:8 زەب. 2:8؛ ئىبر. 1:2