1كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ
2دۇئايىم سېنىڭ ئالدىڭغا كىرىپ ئىجابەت بولسۇن؛
3چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان،
4ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛
5ئۆلۈكلەردىن ھېچبىر پەرقسىزمەن،
6سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە،
7قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى،
8مەندىن دوست-بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛
9كۆزلىرىم ئازاب-ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛
10ئۆلۈكلەرگە مۆجىزە كۆرسىتەرسەنمۇ؟
11ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ قەبرىدە بايان قىلىنارمۇ؟
12كارامەتلىرىڭ زۈلمەتتە تونۇلارمۇ؟
13بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن،
14ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟
15ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛
16قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛
17ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى،