1ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ.
2مەن پەرۋەردىگارنى: ــ «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن.
3بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم بالا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. ◘ 91:3 زەب. 124:7
4ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. ◘ 91:4 زەب. 57:1
5سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، ◘ 91:5 ئايۇپ 5:19،20؛ پەند. 3:25؛ كۈي. 3:8
6نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن.
7سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ.
8سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن.
9پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ◼ 91:9 \+bd «پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، *ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ...»\+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، ئىبرانىي تىلغا سۆزمۇسۆز ئەگىشىپ: ــ «چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، مېنىڭ پاناھىم، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ...». بۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا، خۇدا مەسىھكە سۆز قىلىپ، ئۇنى «مېنىڭ پاناهىم» دەيدي ــ دېمەك، مەسىه بولسا خۇدا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن باشپاناهدۇر.
10بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ۋابامۇ چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ.
11ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. ◘ 91:11 زەب. 34:7؛ مات. 4:6؛ لۇقا 4:10
12ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ◘ 91:12 لۇقا 4:11
13شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن. ◘ 91:13 ئايۇپ 5:22،23
14«ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن.
15ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىمەن.
16ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاناتلەندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن».